يىراقنى كۆرەلمەيدىغان ئادەم ئالەم ئۇچقۇچىسى بولالامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئاۋىئاتسىيە ئۇچقۇچىلىرى ئارىسىدىن تاللاپ چىقىلىدۇ. ئەگەر بىراۋ يىراقنى كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قالسا، ئۇ ئاۋىئاتسىيە ئۇچقۇچىسىمۇ بولالمايدىغان تۇرۇقلۇق، قانداقىسىگە ئالەم ئۇچقۇچىسى بولالىسۇن؟
ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى تاللاش ھەقىقەتەن ئىنتايىن قاتتىق بولىدۇ، ئۇلارنىڭ مول كەسپىي بىلىمگە ۋە ئايروپىلان ھەيدەش تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇشى تەلەپ قىلىنپلا قالماستىن، بەلكى يەنە يۇقىرى ئەقلىي كۈچكە ۋە ساغلام بەدەنگە ئىگە بولۇشىمۇ تەلەپ قىلىنىدۇ. ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم قاتنىشى داۋامىدا ئالەم كېمىسنى ھەيدەپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بۆلمە سىرتىغا چىقىپ ئالەم بوشلۇقىدا مېڭىش، سۈنئىي ھەمراھنى قويۇپ بېرىش ياكى رېمونت قىلىش قاتارلىق بەزى ئالاھىدە ۋەزىپىلەرنىمۇ ئىجرا قىلىدۇ. ھەر بىر ئالەم ئۇچقۇچىسى نەچچە يۈز، نەچچە مىڭ مۇنەۋۋەر ئاۋىئاتسىيە ئۇچقۇچىلىرى ئارىسىدىن تاللاپ چىقىلىدۇ، يىراقنى كۆرەلمەيدىغانلارنىڭ تاللىنىشى مۇمكىن ئەمەس، ئەلۋەتتە.
بىراق، يەنە بىر تۈردىكى غەيرىي كەسىي ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بولىدۇ، ئۇلار ئالەم بوشلۇقىغا چىقىپ ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئالىملار ۋە ئىنژېنېرلاردىن ئىبارەت. بۇ ئالاھىدە ئالەم ئۇچقۇچىلىرى كۆزىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، ئۇلار پەقەت تېنى ساغلام، روھىي كەيپىياتى تۇراقلىق، مول كەسپىي بىلىمگە ئىگە بولسىلا، يىراقنى كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قالغان بولسىمۇ ئوخشاشلا ئالەم ئۇچقۇچىسى بولالايدۇ.
لېكىن ئادەتتىكى كۆزەينەكنى تاقاپ ئالەم بوشلۇقىغا چىقىشقا بولمايدۇ، ئۇنداق قىلىش ھەم قولايسىز بولىدۇ، ھەم بىخەتەر بولمايدۇ. كۆرۈنمەس كۆزەينەك بۇ مەسىلىنى ناھايىتى ياخشى ھەل قىلىپ بېرىدۇ. يىراقنى كۆرەلمەيدىغان ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم بوشلۇقىدا كۆرۈنمەس كۆزەينەكنى تاقىۋالغاندا ھېچقانداق ناچار تەسىرى كۆرۈلمىگەن.