UyghurWiki
UyghurWikiنەمەۋاقتى ئۆتكەن تۇغۇتنىڭ ئەقلىي قابىلىيەتكە تەسىرى بولامدۇ؟

ۋاقتى ئۆتكەن تۇغۇتنىڭ ئەقلىي قابىلىيەتكە تەسىرى بولامدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئومۇمەن ھامىلىدارلىق ۋاقتى 42 ھەپتىدىن ئاشقاندا تۇغۇلغان بالىلار، مەيلى بەدەن ئېغىرلىقى قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىسى ۋاقتى ئۆتكەن تۇغۇت ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ھامىلىدار بولۇپ 35 ھەپتە بولغاندا بالا ھەمراھى ئاستا - ئاستا تۆۋەنلەپ، ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىشقا باشلايدۇ. 42 ھەپتە بولغاندا بالا ھەمراھىدىكى توسۇلۇپ قالغان رايون ۋە قېتىش رايونى ئاستا - ئاستا كۆپىيىپ، بالا ھەمراھىنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ. ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى گاز، قان ئالماشتۇرۇش توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. ھامىلىگە يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلارمۇ بارغانسېرى ئازلاشقا باشلايدۇ. ئەگەر ئوكسىگېننىڭ كەملىكى ئېغىر بولسا ھامىلىنىڭ ئۆسۈشى ياكى نېرۋا سىستېمىسىدا ئېغىر كېسەللىكنى پەيدا قىلىپ، ئەقلىي قابىلىيەتنى توسالغۇغا ئۇچرىتىشى مۇمكىن. شۇڭا، خاتا ھالدا ھامىلە ئانىنىڭ قورسىقىدا قانچە ئۇزۇن تۇرسا، ئېرىشىدىغان ئوزۇقلۇق شۇنچە كۆپ بولىدۇ دەپ قارىماسلىق كېرەك. ھامىلىدارلىق ۋاقتى 40 ھەپتىدىن ئاشقاندىن كېيىن تۇغۇت بۆلۈمگە كۆرسىتىپ، ھامىلىدار ئايال بىلەن ھامىلىنى يېقىندىن كۆزىتىپ، قان تەكشۈرسە ياكى B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق بالا ھەمراھىنىڭ ئىقتىدارىنى تەكشۈرتۈش كېرەك، ئەگەر بالا ھەمراھىنىڭ ئىقتىدارى چېكىنىشكە باشلىغان بولسا، بۇ ھامىلىنىڭ بالىياتقۇ ھەمراھىدا يېتەرلىك ئوزۇقلۇق ۋە ئوكسىگېنغا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر داۋاملىق ھامىلىدار بولغاندىمۇ ھامىلىگە ئۇزاق مۇددەت ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ھامىلىنىڭ ئۆسۈشى ياكى ھايات قالغاندىمۇ نېرۋا سىستېمىسىدا كېسەللىك ئالامىتىنى قالدۇرۇپ، ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا بۇ ۋاقىتتا ئىمكانقەدەر ھامىلىدار بولۇشنى توختىتىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە