UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلار ئىستېمال قىلىدىغان ياغلارنى قانداق تاللاش كېرەك؟

بالىلار ئىستېمال قىلىدىغان ياغلارنى قانداق تاللاش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن بالىلار ئىستېمال قىلىدىغان ياغ ئادەتتە ئۆسۈملۈك يېغى ۋە ھايۋانات يېغى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ، دائىم ئىستېمال قىلىدىغان ئۆسۈملۈك يېغى ئادەتتە كۈنجۈت يېغى، پۇرچاق يېغى، خاسىڭ يېغى قاتارلىقلار. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق تەركىبىدە ياغ كىسلاتاسى نىسبەتەن ئاز بولۇپ، خولېستېرىننىڭ سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئارتېرىيە قېتىشىش، يۈرەك سوقۇش تەرتىپى نورمالسىز بولۇش قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشى ۋە تېرىنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆسۈملۈك يېغى ئوڭاي ھەزىم بولىدۇ ھەم تەركىبىدە ياغ ئېرىتكۈچى ۋىتامىنلاردىن ۋىتامىن A، ۋىتامىن D، ۋىتامىن E لار بار، بۇنىڭ ئەكسىچە، ھايۋانات يېغىدا ياغ كىسلاتاسى نىسبەتەن كۆپ بولۇپ، خولېستېرىنمۇ ناھايىتى تېز يۇقىرىلايدۇ. يۈرەك، قان تومۇرلىرى قېتىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىمۇ كۆپىيىدۇ، شۇنداقلا ھايۋانات يېغى ئوڭاي ھەزىم بولمايدۇ. كۆپ ئىستېمال قىلسا ئورگانىزملارنىڭ باشقا ئوزۇقلۇقلارنى قوبۇل قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىسىز ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاساسلىقى ئۆسۈملۈك يېغىنى، قوشۇمچە ھايۋانات مېيىنى تاللىسا مۇۋاپىق بولىدۇ. بالىلارنىڭ كۈندىلىك ئىستېمال قىلىدىغان يېغى 10 ~ 15 گرام ئەتراپىدا بولسا بولىدۇ
← بارلىق تېمىلار نەمە