UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئىككى ياشلىق بالىلارنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارى قايسى خىل سەۋىيىدە بولسا بولىدۇ؟

ئىككى ياشلىق بالىلارنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارى قايسى خىل سەۋىيىدە بولسا بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئىككى ياشلىق بالىلار مۇستەقىل تۇرالايدۇ، پۇختا قەدەم بىلەن ماڭالايدۇ ۋە يۈگۈرەلەيدۇ. بىراق قەدەم ئېلىشى ۋە كەينىگە چېكىنىشى يەنىلا بىر ئاز قىيىن، ئەگەر يەردە ئوينايدىغان ياخشى نەرسە بولسا، بالىلار پۇختىلىق بىلەن زوڭزىيىپ تۇرۇپ ئالالايدۇ. بۇ ۋاقىتتىكى بالىلار يۈگۈرۈش، سەكرەش، تاقلاش، توپ تېپىش، ئۇسسۇل ئويناش قاتارلىق ھەرىكەتلەرگە ھەم چوڭلار بىلەن ئويناشقا ئامراق كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ۋاقىتتىكى بالىلار ناھايىتى كەپسىز بولۇپ، جوزا، ئورۇندۇققا يامىشىپ، نەرسىلەرنى ئالماقچى بولىدۇ شۇنداقلا بۇ خىل ھېسسىيات ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ. ھەمىشە بىكار تۇرمايدۇ، ئوغۇل بالىلار ۋېلىسپىت قاتارلىقلارغا قىزىقىدۇ، بالىلارنىڭ نازۇك ھەرىكەتلەرگە بولغان ماسلىشىشى ئاللىقاچان پۇختىلىشىپ، بىر قولى بىلەن ئىستاكاندىكى سۇنى ئىچەلەيدۇ. ئالتە - يەتتە پارچە ياغاچ پارچىسىنى دۆۋىلىيەلەيدۇ، كىتابنى بىر بەتتىن، بىر بەتتىن ۋاراقلىيالايدۇ. ئايلانما ھەرىكەت بىلەن ئىشىكنى تۇتالايدۇ، قەغەزگە تۈز سىزىق ۋە يۇمىلاق چەمبىرەكلەرنى سىزالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
ئىككى ياشلىق بالىلارنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارى قايسى خىل سەۋىيىدە بولسا بولىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki