يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ يوتقان، كۆرپىسىنىقانداق تاللاش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار كۈندە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن 20 سائەت ئۇخلايدىغان بولغاچقا، يوتقان، كۆرپە قاتارلىق بۇيۇملارنى تاللاش ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ يوتقان، كۆرپىسىنىڭ تېشىغا يەڭگىل، يۇمشاق، ھاۋا ئۆتكۈزۈشچان، ئىسسىقلىق ساقلايدىغان ھەم ئاسان يۇغىلى بولىدىغان ماتېرىياللارنى تاللاش؛ يوتقانغا ئەڭ ياخشىسى يۇمشاق، يەڭگىل پاختا ئىشلىتىش، مامۇق ئىشلەتمەسلىك؛ چىقىپ قالغان پەيلەرنى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ سۈمۈرۈۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش. يوتقاننىڭ يۇمشاق، ھاۋا ئۆتكۈزىدىغان، ئىسسىقلىق ساقلايدىغان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى يېڭى يوتقان تىكىش كېرەك. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كۆرپىسىنىمۇ پاختىدىن تىكىپ تەييارلاش، پاختىنىڭ سۇ سۈمۈرۈشچانلىقى ۋە شامال ئۆتكۈزۈشچانلىقى ياخشى، ئاپتاپقا قاقلانغان، قۇرۇق، كۆپۈپ تۇرىدىغان بولسا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئىنتايىن پايدىلىق. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كىرلىكىنى تاللاشتا ئەڭ ياخشىسى ئېلاستىكىلىق پاختا بۇيۇملارنى تاللاپ ئىشلىتىش، بۇنداق بولغاندا يۇيۇش ئاسان، ئېگىلىشچانلىقى ياخشى، شۇنداقلا قۇرۇتۇشقا ئەپلىك. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار سۆڭىكىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولسۇن ئۈچۈن، كۆرپە ھەددىدىن زىيادە يۇمشاق بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. چوڭلارنىڭ كۆرپىسىنى قاتلاپ ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ پاكىزلىقىغا ۋە تازىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە يۇيۇش ۋە قۇرۇتۇشنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ئىككى كىشلىكتىن ئارتۇق يوتقان - كۆرپە تەييارلاش كېرەك.