UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن مۇزىكا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن مۇزىكا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ھىندىستانلىق بىر ئالىم مۇزىكىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىكەن، ئۇ ئادەتتىكى چاغلاردا دائىم گۈللۈكتە ئىسكىرىپكا چالىدىكەن ياكى بىر قانچە پارچە سىمفونىيە پلاستىنكىسى قويۇپ ئاڭلايدىكەن. بىر قېتىم ئۇ تاسادىپىي ھالدا باشقا جايدىكى ئۆسۈملۈكلەرگە قارىغاندا ئۆزىنىڭ گۈللۈكىدىكى گۈل - گىياھ ۋە دەل - دەرەخلەرنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ئاينىپ كەتكەنلىكىنى بايقاپتۇ. ئۇ مۇزىكا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولامدۇ، قانداق، دەپ ئويلاپتۇ. كېيىن ئۇ بىر پارچە شال ئېتىزلىقىدا رەسمىي تەجرىبە ئېلىپ بېرىپ، ھەر كۈنى بۇ جايدا 25 مىنۇت سىمفونىيە پلاستىنكىسى قويۇپتۇ. بىر ئايدىن كېيىن، بۇ ئېتىزلىقىدىكى شالنىڭ ئوتتۇرىچە تۈپ ئېگىزلىكى 30 سانتىمېتىردىن ھالقىپ، مۇزىكا ئاڭلىمىغان شالغا قارىغاندا بولۇپ ئۆسۈپتۇ. ئەمەلىيەتتە، مۇزىكىدىن <ئىلھام> ئالىدىغان ئۆسۈملۈك يالغۇز شاللا ئەمەس! بېلىق لېشى، مىموزا ئوتى، تاماكا، خېنىگۈل، تىرناقگۈل قاتارلىقلارنىڭمۇ مۇزىكا خۇمارى بولىدۇ. بىزگە ئايانكى، ئۆسۈملۈك يوپۇرمىقىنىڭ يۈزىدە كۆپلىگەن ھاۋا تۆشۈكچىلىرى بولىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تاشقى مۇھىت بىلەن ھاۋا ئالماشتۇرىدىغان ۋە سۇنى پارغا ئايلاندۇرىدىغان <كۆزنىكى> ھېسابلىنىدۇ. سىمفونىيە قويۇلغاندىن كېيىن، مۇزىكىنىڭ رىتىمى ھاۋا ئارقىلىق تارقىلىپ رىتىملىق ئاۋاز دولقۇنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ ئاۋاز دولقۇنلىرى يوپۇرماق يۈزىدىكى ھاۋا تۆشۈكچىلىرىنى تەۋرىتىپ قوزغىتىش بىلەن ئۇنى تېخىمۇ چوڭ ئېچىۋېتىدۇ. ھاۋا تۆشۈكچىلىرى چوڭايغاندىن كېيىن، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ فوتوسىنتېز رولى تېخىمۇ جانلىنىپ، بىرىكتۈرۈلگەن ئورگانىك ماددىلار ئۈزلۈكسىز كۆپىيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يوپۇرماقنىڭ نەپەسلىنىش رولىمۇ كۈچىيىپ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھايات پائالىيىتىنى تېخىمۇ كۆپ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. ماددا ئالمىشىش جانلانغاندىن كېيىن، ئۆسۈملۈكلەرمۇ روشەن ھالدا ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن مۇزىكا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki