UyghurWiki
UyghurWikiنەمەگىگانت بوۋاق دېگەن نېمە؟

گىگانت بوۋاق دېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن بەدەن ئېغىرلىقى تۆت كىلوگرامدىن ئارتۇق تۇغۇلغان بوۋاقلار گىگانت بوۋاق دېيىلىدۇ. بىر قىسمى ئىرسىيەتتىن ياكى ئانا ئوزۇقلۇقىنىڭ زىيادىلىكىدىن كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن ئاتا - ئانا بەدىنىنىڭ يوغان بولۇشى، ھامىلىدار ئاياللار ئوزۇقلۇقىنىڭ ئارتىشى، ھامىلە ئانا تېنىدىن ئوزۇقلۇقنى ياخشى قوبۇل قىلىش نەتىجىسىدە ئېغىرلىقنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئارتىپ بېرىشىدىن گىگانت بوۋاقلار تۇغۇلىدۇ. ئەمما شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، بەزى ئالاھىدە چوڭ بوۋاقلار ئانا ياكى ھامىلە مەلۇم كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوڭ تۇغۇلغان بوۋاقلار قىيىن تۇغۇت سەۋەبلىك نەپىسى ئۈزۈلۈش، باش ئىچى قاناش قاتارلىق كېسەللەر، تۇغۇلغاندىن كېيىن ئاسانلا قاندىكى قەنت مىقدارى، كالتسىي مىقدارى تۆۋەن، نەپىسى قىيىن بولۇش ھەم قىزىل قان ھۈجەيرىسى كۆپىيىپ كېتىش كېسىلى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا قارىغۇلارچە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق قانچە سېمىز بولسا شۇنچە ياخشى دېمەسلىك كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
گىگانت بوۋاق دېگەن نېمە؟ | UyghurWiki | UyghurWiki