نېمە ئۈچۈن بالىنىڭ ئىچى سۈرىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئىچى سۈرۈش بولسا كۆپىنچە بالىلاردا داۋاملىق كۆرۈلىدىغان ھادىسە، بەلكىم بالا پاكىز نەرسىلەرنى يېگەن بولسىمۇ، ئىچى سۈرۈش سەۋەبىنى بىلەلمەي قېلىشىڭىز، بۇنىڭدىن غەلىتىلىك ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، بالىنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسى تولۇق يېتىلمىگەن بولۇپ، ئاشقازان كىسلاتاسى ۋە ھەزىم قىلىش ئېنزىملىرىنىڭ ئاجرىتىلىشى ئاز بولسا، ھەزىم قىلىش ئېنزىملىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى نىسبەتەن تۆۋەن، يېمەكلىكلەرگە بولغان چىدامچانلىقى نىسبەتەن ناچار بولىدۇ. بىراق بالا توختىماستىن يېتىلىۋاتقان ۋاقىتتا، ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلار چوڭلاردىكىدىن يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭا ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى دائىم تويۇش ھالىتىدە ياكى جىددىي ھالەتتە تۇرىدۇ. ئەگەر مۇۋاپىق باقمىغاندا، دائىم ئاشقازان - ئۈچەي يوللىرىنىڭ ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىپ، ئىچى سۈرۈپ كېتىدۇ. مەسىلەن: ئانا سۈتى يېتەرلىك بولغان ياكى سۈنئىي ئۇسۇلدا بېقىلغان بالىلارغا بالدۇرلا كراخمال قوشۇلغان يېمەكلىكلەرنى (مەسىلەن: ئۇماچ، پاراشوك قاتارلىقلار) بەرگەندە، كاربون - سۇ بىرىكمىلىرى كۆپ بولۇپ كېتىپ، ھەزىم قىلىشنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئەگەر مايلىق يېمەكلىكلەرنى زىيادە بېرىۋەتسىمۇ، ئىچى سۈرۈپ كېتىدۇ. ئانا سۈتى ياكى كالا سۈتى بىلەن باققاندا، ۋاقتىدا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بەرگەندە ۋە تۇيۇقسىز سۈتتىن ئايرىغاندا، بالا يېمەكلىك تەركىبىدىكى تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشلەرگە ماسلىشالماي، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ، كۆپ يەۋەتسە شۇنىڭغا ماس ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرالمىغانلىقتىن نورمال ھەزىم قىلىش رولىنى ساقلاپ قالالماي، يېمەكلىك پۈتۈنلەي ھەزىم بولماسلىقىمۇ ئىچى سۈرۈشنىڭ سەۋەبى بولۇشى ياكى باكتېرىيە، ۋىرۇس قاتارلىقلاردىن يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىنمۇ ئىچى سۈرۈشى مۇمكىن. ھاۋارايى تۇيۇقسىز ئۆزگەرسىمۇ، قورساق قىسمى سوغۇقنى قوبۇل قىلىپ، ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ