UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلارغا ئاياغ تاللىغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

بالىلارغا ئاياغ تاللىغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن چوڭ - كىچىكلىكى مۇۋاپىق، پەرقى ئاز بولۇشى كېرەك. بەك كىچىك بولغاندا سۆڭەكنى بېسىپ، يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، تېرىنى زەخىملەندۈرۈپ، يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەك چوڭ بولغاندا ئىككى پۇت تېز چارچاپ، ئوڭاي يىقىلىپ قالىدۇ ۋە يېقىلىپ چۈشىدۇ. 2. ئاياغنىڭ يۇمشاق - قاتتىقلىقى مۇۋاپىق بولۇشى، پەرق چوڭ بولماسلىقى كېرەك. بالىلارنىڭ بوغۇم، پەي ۋە مۇسكۇللىرى يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقاچقا، ئاياغ بەك قاتتىق بولسا پۇت ئاياغ ئىچىدە راھەتلەنمەي، ئوڭايلا بوغۇم ۋە پەيلەرنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 3. ئاياغ ئاستىنىڭ ئېگىلىشچانلىقى بەك يۇقىرى بولماسلىقى كېرەك. نۇرغۇنلىغان بالىلارنىڭ ئاياغلىرىنىڭ ئاستى قىسمى كۆپۈك ھالەتتە يۇمشاق بولىدۇ. بىراق بۇ بالىلارغا نىسبەتەن مۇۋاپىق ئەمەس، چۈنكى ئۇ ئەۋرى شىمچانلىقنىڭ تەرەققىي قىلىپ يېتىلىش بوشلۇقىنى تارايتىۋېتىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن تۆگىتاپان بولۇپ قالىدۇ، ئاياغنىڭ ئاستىنىڭ قېلىنلىقى ۋە يۇمشاقلىق دەرىجىسى مۇۋاپىق بولۇشى، ئادەتتە قېلىنلىق دەرىجىسى بەش مىللىلىتىردىن سەككىز مىللىلىتىرغىچە بولسا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلار ئاياغلىرىنىڭ رەختى تەبىئىي، يۇمشاق كالا خۇرۇمى، قوي تېرىسىدىن بولۇشى كېرەك. چۈنكى ئۇلارنىڭ نىسبەتەن ياخشى ھاۋا ئۆتكۈزۈش ۋە نەملىكنى سۈمۈرۈش رولى بار. ئاياغنىڭ پىتەك قىسمى راھەت، يۇمشاق پاختا رەختلەردىن بولۇشى، ئاستى ئېلاستىكلىققا ئىگە، تەۋرىنىشنى ئازايتىشى يۇقىرى، تېيىلىشچانلىقى تۆۋەن، سۈركىلىشچانلىقى ياخشى بولغان ئەلا سۈپەتلىك ماتېرىياللاردىن بولۇشى كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا تاپىنى ئارقىلىق چوڭ مېڭىنىڭ غىدىقلىنىشىنى قوزغىغىلى بولىدۇ
← بارلىق تېمىلار نەمە