ھايۋانلارمۇ چۈش كۆرەمدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئامېرىكىلىق بىر زوئولوگ ئافرىقا يايلىقىنى تەكشۈرۈۋاتقاندا، مۇنداق بىر قىزىقارلىق ئەھۋالنى بايقىغان: ئۇزۇندىن بېرى كۆزىتىپ يۈرگەن بىر زىراپە يېتىپ ئۇخلاۋېتىپ ئۇشتۇمتۇتلا چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئەتراپىغا ئالاقزادىلىك ئىچىدە قاراپ كەتكەن. زوئولوگ ئەتراپتا ئۇنى ئۈركۈتۈۋەتكەن بىرەر دۈشمىنى بار بولسا كېرەك، دەپ ئويلاپ ئەتراپنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپتۇ، ئەمما ھېچقانداق نورمالسىز ئەھۋالنى بايقىماپتۇ. زوئولوگ بۇ نىمە ئىشتۇر دەپ بېشى قېتىپ تۇرغاندا، بىردىنلا بۇ زىراپە كۈندۈزى شىرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ شىرغا يەم بولۇپ كەتكىلى تاس قالغانلىقى يادىغا كېلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن زوئولوگ بۇ زوئولوگ زىراپە ئۇخلاۋاتقاندا شىرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر قورقۇنچلۇق چۈش كۆرۈپتۇ. دېگەن يەكۈننى چىقارغان.
كېيىن ئالىملار <مېڭە ئېلېكتر ئېقىمىنى تەسۋىرلەش ئاپپاراتى> دىن پايدىلىنىپ ھايۋانلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ھايۋانلارمۇ ئۇخلىغاندا ئادەمگە ئوخشاش چۈش كۆرىدىغانلىقىنى بايقىغان. بىراق، ئوخشاش بولمىغان ھايۋانلارنىڭ چۈش كۆرۈشىنىڭ ئاز - كۆپلۈكى ۋە ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى ئوخشاش بولمايدىكەن. مەسىلەن، تىيىن، شەپەرەڭلەر دائىم چۈش كۆرىدىكەن، قۇشلار بولسا ئازراق چۈش كۆرىدىكەن، ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار ئاساسەن چۈش كۆرمەيدىكەن. ھايۋانلارنىڭ چۈش كۆرۈشىدىكى بۇ پەرقلەر ئۇلارنىڭ كۈشەندىلىرىدىن ھەر ۋاقىت ھوشيار تۇرىدىغان - تۇرمايدىغانلىقى، شۇ زامان قېچىپ كېتەلەيدىغان - كېتەلمەيدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك.