UyghurWiki
UyghurWikiنەمەھاشاراتلارنىڭ كۆزىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكلىرى بار؟

ھاشاراتلارنىڭ كۆزىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكلىرى بار؟

نېمە ئۈچۈن ھايۋانلارنىڭ ئىچىدە، ھاشاراتلارنىڭ كۆزلىرى ئەڭ ئالاھىدە بولسا كېرەك. ھاشاراتلارنىڭ ئاددىي كۆزىدىن باشقا، يەنە غەلىتە مۇرەككەپ كۆزىمۇ بار. مۇرەككەپ كۆز سان - ساناقسىز ئۇششاق كۆزلەردىن تەركىب تاپقان بولىدۇ، مەسىلە، يڭىناغۇچنىڭ ھەر بىر مۇرەككەپ كۆزى 20 مىڭ ئۇششاق كۆزىن تەرېكىب تاپقان. ھاشاراتلارنىڭ مۇرەككەپ كۆزى نۇر ۋە رەڭنى سېزىپلا قالماستىن، يەنە جىسىملارنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتەلەيدۇ. گەرچە ھەر بىر مۇرەككەپ كۆز نۇرغۇنلىغان ئۇششاق كۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسىمۇ، لېكىن ھەر بىر ئۇششاق كۆز بىر كىچىك تىپتىكى كۆرۈش سىستېمىسى بولۇپ، بىر نۇقتىدىكى <سېيما> نى سېزەلەيدۇ، ئاندىن ئۆز ئارا بىرىكىش ئارقىلىق <بىر پۈتۈن بىرىكمە سېيمانى> شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ ئوخشاش بولمىغان سان - ساناقسىز نۇر توچكىلىرى ئارقىلىق تېلېۋىزور ئېكرانىدا سۈرەت شەكىللەندۈرگەنگە ئوخشىشىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ھاشاراتلار كۆرگەن جىسىملارنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. ھاشاراتلارنىڭ مۇرەككەپ كۆزىنىڭ تېز سۈرئەتلىك بولۇش، يۇقىرى دەرىجىدە پەرق ئېتىشتەك ئالاھىدىلىكى ئالىملارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى. ئۇلار ھاشاراتلارنىڭ مۇرەككەپ كۆزىنىڭ كۆرۈش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە نۇرغۇن ئەسۋابلارنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى. مەسىلەن، چىۋىننىڭ مۇرەككەپ كۆزىگە تەقلىد قىلىپ ياساپ چىقىلغان <چىۋىن كۆزلۈك فوتو ئاپپارات> ىدا، بىرلا قېتىمدا 1329 پارچە سۈرەت تارتقىلى بولىدۇ، يەنە كېلىپ پەرق ئېتىش دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى بولغاچقا، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئېلېكترونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسىدىكى مىكرو توك يوللىرىنى تەقلىد قىلىپ ياسىغىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
ھاشاراتلارنىڭ كۆزىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكلىرى بار؟ | UyghurWiki | UyghurWiki