UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن كاتيۇشانىڭ كۈچ - قۇدرىتى ئىنايىن زور بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن كاتيۇشانىڭ كۈچ - قۇدرىتى ئىنايىن زور بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا، سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيىسى <كاتيۇشا> دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل رېئاكتىۋ زەمبىرەكنى ئىشقا سېلىپ، فاشىست گېرمانىيە ئارمىيىسىگە كۆپ قېتىم شىددەتلىك زەربە بېرىپ، جەڭدە چوڭ خىزمەت كۆرسەتكەنىدى. كاتيۇشانىڭ كۈچ - قۇدرىتنىڭ ئىنتايىن زور بولۇشىنى ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئەسلىدە، كاتيۇشانىڭ ئوقى ئادەتتىكى زەمبىرەك ئوقىغا ئوخشىمايتتى. ئادەتتىكى زەمبىرەك ئوقى زەمبىرەك كالىبىرىدىن ئېتىلىپ چىققاندىن كېيىن، سۈرئىتى ئاستىلاشقا باشلايدۇ. رېئاكتىۋ ئوقنىڭ ئۆزىدە دىژىۋېتىل (ئىتتەرگۈچى خۇرۇچ) ۋە ماتور بولغانلىقتىن، سۈرئىتى ئىنتايىن تېز بولىدۇ ھەم ئۇزۇنغا بارىدۇ، ھەتتا 100 كېلومېتىر نېرىدىكى نىشانلارغىمۇ ھۇجۇم قىلالايدۇ. كاتيۇشانىڭ ئادەتتە كۆپ قويۇپ بېرىش تۇرۇبىسى بولىدۇ، مەسىلەن، <كاتيۇشا> ناملىق رېئاكتىۋ زەمبىرەكنىڭ 16 قويۇپ بېرىش تۇرۇبىسى بولۇپ، بىر قانچە سېكونت ئىچىدىلا 16 پاي رېئاكتىۋ ئوقنى قويۇپ بېرەلەيدۇ، بۇنى ئادەتتىكى زەمبىرەكلەر قىلالمايدۇ. ھازىر 40 تورۇبىلىق كاتيۇشالارمۇ بۇلۇپ، كۈچ - قۇدرىتى تېخىمۇ زور. ئويلا بېقىڭە، ئەگەر نەچچە دۈشمەن پوزىتسىيىسىگە چۈشسە، ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈش - يارىلاندۇرۇش ۋە ۋەيران قىلىش كۈچى قانچىلىك زور بولىدۇ - ھە! شۈبھىسىزكى، بىراقلا ئېتىلغان كاتيۇشانىڭ تەھدىت كۈچى يەككە ئېتىلغان زەمبىرەككە قارىغاندا نەچچە يۈز ھەسسە زور بولىدۇ. كاتيۇشانىڭ يەنە بىر ئارتۇقچىلىقى شۇكى، ئۇ ئاپتوموبىلغا ئورنىتىلىدىغانلىقتىن، ھەرىكىتى ناھايىتى جانلىق، ئۇ نىشانغا تۇيۇقسىزلا شىددەت بىلەن زەربە بېرىپ، دەرھاللا يۆتكىلەلەيدۇ ھەمدە ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يېڭى ھۇجۇم قىلىش ئورنىغا يېتىپ بارالايدۇ، شۇڭا ئۇ ھەم ھۇجۇم قىلالايدىغان، ھەم مۇداپىئە كۆرەلەيدىغان ياخشى قورال ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە