UyghurWiki
UyghurWikiنەمەسۈتكە ئېھتىياجلىق بولغاندا ئېمىتىشدېگەن نېمە؟

سۈتكە ئېھتىياجلىق بولغاندا ئېمىتىشدېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن ئىلگىرى تۇغۇتتىن كېيىن پەقەت ئانىلارنىڭ ئارام ئېلىشىغىلا دىققەت قىلىنىپ، بالىنى قەرەللىك ۋاقىت ئېمىتىش تەكىتلەنگەن ئىدى. ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىش ئىلمىي ئەمەس، ھازىر بىز بالىنىڭ قاچان ئەمگۈسى كەلسە شۇ چاغدا ئېمىتىشنى تەشەببۇس قىلىمىز. بۇنداق بولغاندا بالىنى ئېمىتىش قېتىم سانى بالىنىڭ ئەمگۈسى كەلگىنى بويىچە بېكىتىلىدۇ، بالا ئۇخلىيالماي، ھەر تەرەپكە قاراپ، ئاپىسىنى ئىزدەپ، ئېمىش پەيدا بولۇپ، ھەتتا قاتتىق يىغلايدۇ ياكى ئانىسىنىڭ ئەمچىكىنىڭ ئىششىپ ئاغرىشى بالىنى ئېمىتىشنىڭ بەلگىسى. ئۇنداقتا ئارىلىقتا بىر - ئىككى سائەت ۋاقىت كېتىدۇ، بۇ خىل بېقىش ئۇسۇلى <بالىنىڭ ئەمگۈسى كەلگەندە ئېمىتىش> (سۈتكە ئېھتىياجلىق بولغاندا ئېمىتىش) دەپ ئاتىلىدۇ، ئەمەلىيەت ۋە تەتقىقات شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئېمىتىش قېتىم سانى ۋە مىقدارى چەكلەنمىگەن ئاساستا ئېمىتكەندە، بالىنىڭ ئېھتىياجى ئېشىپ، تېخىمۇ ساغلام چوڭ بولىدۇ شۇنداقلا بالىنىڭ ئېمىش جەريانىدا شەكىللەنگەن سۈت چاچراش ئىنكاسى سۈتتىكى ماي مىقدارىنى كۆپەيتىپ، بالىنىڭ يېتىلىشىگە تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ. ئانىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاندا - ساندا ئېمىتىش سۈتنىڭ يىغىلىشىنى ئازلىتىدۇ. ئانىنىڭ ئەمچىكىنىڭ يۇقۇملىنىش پۇرسىتىنى ئازلىتىدۇ شۇنداقلا ئەمچەك توپچىسىنىڭ ئاغرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە