ئىرسىي سۈزۈپ تەكشۈرۈشنىڭ نەچچە خىلئۇسۇلى بار؟
نېمە ئۈچۈن
نۆۋەتتە دائىم ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان تەكشۈرۈش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
1. باش سۈيى قېپىنى تېشىش ئارقىلىق باش سۈيىنى تەكشۈرۈش. ئادەتتە ھامىلىدار بولۇپ 16 ھەپتىدىن 20 ھەپتىگىچە بولغان جەريان ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ، باش سۈيى ھۈجەيرىسى يېتىلىپ 10 ھەپتىدىن 18 ھەپتىگىچە بولغاندىن كېيىن خروموزومىنىڭ يادرو شەكلى ئارقىلىق، ئانالىز قىلىپ، ماددا ئالمىشىش جەھەتتىكى كېسەللىكلەرنى تەھلىل قىلغىلى بولىدۇ.
2. تىۋىتلارنىڭ تىرىك توقۇلمىسىنى تەكشۈرۈش. ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بۇ خىل تەكشۈرۈشنى ئېلىپ بېرىپ، ھۈجەيرىنىڭ يېتىلىشى ۋە خروموزومىنىڭ يادرو شەكلىنى ئانالىز قىلغىلى بولىدۇ.
3. باش سۈيى قېپىغا ھامىلىنى رادىئوگرافىيىلەشتۈرۈش (سايىلەندۈرۈپ سۈرەتكە ئېلىش). ئادەتتە، ھامىلىنىڭ بەدەن شەكلىنىڭ غەيرىي بولۇپ قېلىشى، ھەزىم قىلىش يوللىرىنىڭ غەيرىي بولۇشى قاتارلىقلار ئارقىلىق دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ھامىلىنىڭ قۇلىقىنىڭ كىچىك بولۇشى، بىر كۆزلۈك بولۇشى، بېشىنىڭ كىچىك بولۇشى، ھامىلىنىڭ ئىششىق تۇغۇلۇشى قاتارلىقلار.
4. ھامىلىنى لىنزا ئارقىلىق تەكشۈرۈش، ھامىلە ۋە بالا ھەمراھىنى تەكشۈرۈش، باش سۈيىنى ئېلىش، ھامىلىنىڭ قان سۇيۇقلۇقىنى ئېلىش ۋە ھامىلىنىڭ تېرىسىنىڭ تىرىك توقۇلمىسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلار.
5. B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈش. ھامىلىداربولۇپ 16 ھەپتىدىن كېيىن مۇھىم ئەزالار كۆرۈنەرلىك ھالدا ئىپادىلىنىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ھامىلىنىڭ بەدەن شەكلى ۋە ئەزالىرىدىكى غەيرىيلىكنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ.
6. كىندىك ۋېناسىنى تېشىش ئارقىلىق ھامىلىنىڭ قان سۇيۇقلۇقىنى تەكشۈرۈش: ھامىلىدار بولۇپ 18 ھەپتىدىن 20 ھەپتىگىچە بولغان جەريان ئىچىدە ئېلىپ بارغاندا، ھامىلىنىڭ قان ئازلىق، ماددا ئالمىشىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى كېسەللىكلىرىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ.
7. ھامىلىنىڭ كاردىئوگرامما رەسىمى يۈرەك ھەرىكىتى رەسىمى تەكشۈرۈش، ھامىلىنىڭ يۈرەك قۇرۇلمىسىدىكى نورمالسىزلىقنى ئېنىقلاپ، تۇغما يۈرەك كېسىلىگە بالدۇر دىئاگنوز قويۇشقا پايدىلىق.