روتورلۇق ئايروپىلان تىك ئۇچار ئايروپىلانمۇ؟
نېمە ئۈچۈن
روتورلۇق ئايروپىلاننىڭ پۈتۈن ئاتىلىشى چاقپەلەكى ئاپتوماتىك ئايلىنىدىغان ئايروپىلاندۇر. سىرتىدىن قارىغاندا، روتورلۇق ئايروپىلان بىلەن تاق چاقپەلەك قاناتلىق تىك ئۇچار ئايروپىلان خېلىلا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ھەتتا ئاۋىئاتسىيە بىلىمىدىن خەۋىرى بار كىشىلەرمۇ روتورلۇق ئايروپىلاننى تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ بىر تۈرى دەپ قارايدۇ.
ئەمەلىيەتتە، روتورلۇق تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان ئاۋىئاتسىيە قورالىدۇر. روتورلۇق ئايروپىلاننىڭ ماتورىنى تارتىش ياكى ئىتتىرىش شەكلىدىكى چاقپەلەك ھەرىكەتلەندۈرىدۇ، چاقپەلەكنىڭ ئايلىنىشى بىلەن قانات ئالدىغا گورزنتال ئىتتىرىلگەن چاغدا، قانات ئۇدۇل كەلگەن ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە ئايلىنىپ، ئۆرلىتىش كۈچى ھاسىل قىلىدۇ. ئەمما تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ ماتورى ئاساسىي چاقپەلەكنى ئايلاندۇرىدۇ، ئاساسىي قانات ئايلانغاندا ئۆرلىتىش كۈچى ھاسىل بولىدۇ. شۇڭلاشقا، روتورلۇق ئايروپىلان بولسا تىك ئۇچىدۇ. تىك ئۇچار ئايروپىلان ئالدى - ئارقا، ئوڭ - يۆنىلىشلەرگە ئۇچماقچى بولغاندا، ئۆزىنى كونترول قىلىدىغان ئاساسىي چاقپەلەكنى قىيپاش يۆنىلىشىگە بۇرايدۇ. تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ ئاساسىي چاقپەلەكى قىيپاش (سىڭايان) قىلىنىدىغان چاغدا، ئاساسىي چاقپەلەك ھاسىل قىلغان ئۆرلىتىش كۈچى بىلەن بىر تىك يۆنىلىشتە بولمايدۇ، بۇ كۈچ تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ ئېغىرلىق كۈچى بىلەن ئورتاق تەسىر كۆرسىتىپ، تىك ئۇچار ئايروپىلاننى ئاساسىي چاقپەلەكنىڭ قىيپاش يۆنىلىشىگە قاراپ ئۇچۇرىدۇ.
ئاۋىئاتسىيە تارىخىدا، روتورلۇق ئايروپىلان تىك ئۇچار ئايروپىلاندىن بۇرۇن بارلىققا كەلگەن. روتورلۇق ئايروپىلاننىڭ قۇرۇلمىسى ئاددىي بولۇپ، ياسىلىش تەننەرخى ۋە ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈش تەننەرخى تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭكىدىن خېلىلا تۆۋەن، مەشغۇلات قىلىش ئوڭاي، ئۇچۇش بىخەتەرلىكى يۇقىرى بولغاچقا بەزىلەر روتورلۇق ئايروپىلان ئاۋىئاتسىيە سەھنىسىگە قايتا چىقىدىغان بولدى، ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا، ئاممىباب ئۇچۇش قورالىغا ئايلىنىشتىن ئۈمىد بار، دەپ قاراشماقتا.