UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن بىر ياشلىق بالىلار گەپ قىلسا، باشقىلار چۈشىنەلمەيدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بىر ياشلىق بالىلار گەپ قىلسا، باشقىلار چۈشىنەلمەيدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بالىلار بىر ياشتىن ئىككى ياشقىچە بولغان مەزگىلىدە ئۆيدىكى كىشىلەرنى چاقىرالايدۇ، ئۆزىنىڭ ئويۇنچۇقلىرىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ بېرەلەيدۇ. بىراق، بۇ ۋاقىتتا ئاتا - ئانىلار يەنە بالىلىرىنىڭ چوڭلار چۈشەنمەيدىغان گەپلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا ئاغزى بېسىلماي گەپ قىلىپ، چوڭلارنى قايمۇقتۇرۇپ قويۇۋاتقانلىقىنى بايقىشىدۇ. بۇ بالىلارنىڭ كۆڭلىدىكى ئوي - پىكىرلىرىنى بەكمۇ ئىپادىلىگۈسى بارلىقىنى، بىراق سۆزىنىڭ چەكلىك بولۇپ قالغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. شۇڭا، دائىم ئۆزى بىلىدىغان سۆزلەرنى تەرتىپسىز ھالدا ئىپادىلەپ، چوڭلار چۈشەنمەيدىغان بىر قىسىم گەپلەرنى قىلىدۇ. ئادەتتە بالىلارنىڭ بۇ خىل سۆزلىرى <ياپتا گەپ> ياكى <قالايمىقان سۆز> دېيىلىدۇ. بۇ مەزگىلدىكى بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىش باسقۇچى بولۇپ، بالىلاردا ئوي - پىكىر شەكىللەنگەنلىكنىڭ ئىپادىسى. پەقەت تىل ئىقتىدارىنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، ئۆز تەلىپىنى قاندۇرالمايدۇ. بالىلار تەستە چۈشىنىدىغان سۆزلەرنى قىلغاندا، ئاتا - ئانىلار چوقۇم سەۋرچانلىق بىلەن تىڭشاپ، ئەستايىدىل مۇلاھىزە قىلىپ، ئاكتىپلىق بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇشى، بالىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا، توغرا، ئۆلچەملىك بولغان سۆزلەرنى ئۆگىتىشى، ھەرگىزمۇ بالىنى مەسخىرە قىلماسلىق ۋە ئەيىبلىمەسلىكى، شۇنداقلا بالىنى يالغۇز مەشىق قىلدۇرماسلىقى كېرەك. بولمىسا، بالىنىڭ تىلىنىڭ يېتىلىشى ۋە تەپەككۇر جەھەتتە ئىپادىلىشىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن بىر ياشلىق بالىلار گەپ قىلسا، باشقىلار چۈشىنەلمەيدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki