نېمە ئۈچۈن مىكرو ماشىنا ئادەم ئادەم تېنىگە كىرەلەيدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
مىكرو ماشىنا ئادەم ئىنتايىن كىچىك ماشىنا ئادەم بولۇپ، بەزىلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر مىللىمېتىرغىمۇ يەتمەيدۇ، ئۇ ھەتتا بۇغداي دېنىدىنمۇ كىچىك. مۇشۇنداق كىچىك ماشىنا ئادەمگىمۇ ئېلېكتر مەنبەسى، تېز سۈرئەتلىك ماتور، قوزغاتقۇچ، داۋالاش ئەسۋابلىرى، مىكرو سېنزور قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر ئورنىتىلغان، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلارنىڭ توك يولى ۋە ئالاقە يولىنى كونترول قىلىدىغان مۇرەككەپ ئۈسكۈنىلىرى بار. ئۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى پەقەت نەچچە ئون مىكرومېتىردىن نەچچە يۈز مىكرومېتىرغىچە كېلىدۇ. ئالىملار ئۇلارنى ئىنتايىن كىچىك كرېمنىي پارچىسىغا توپلاپ مۇستەقىل مىكرو ماشىنا ئادەمنى ياساپ چىققان. ئۇنى ئادەملەر كونترول قىلىدۇ.
مىكرو ماشىنا ئادەمنىڭ ھەجىمى كىچىك بولسىمۇ، ئىقتىدارى يۇقىرى، بەزىلىرى ئادەم تېنىدىكى تومۇرلارغا كىرىپ قان تومۇرلىرىدا توپلىنىپ قالغان مايلارنى تازىلاپ، بىمارنىڭ تومۇرىنى راۋانلاشتۇرىدۇ ياكى ئىنسۇلىننى قانغا كىرگۈزۈپ، جاھىل دىئابىت كېسىلىنى داۋالايدۇ؛ بەزىلىرى ئاشقازانغا كىرىپ تەكشۈرەلەيدۇ. گېرمانىيىدە 0.2 مىللىمېتىرلىق مىكرو ماشىنا ئادەم ياسالغان. ئۇ ئۆزىگە مەخسۇ سەپلەنگەن مىكرو بۇرغا ستانوكى، ئۇلتىرا ئاۋازلىق ئۆلچىگۈچ، لازېر مىلتىق قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئېلىپ يۈرۈپ، قۇرتقا ئوخشاش تومۇردا يۈرۈپ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، بىمارغا دىئاگنوز قويىدۇ ۋە ئۇنى داۋالايدۇ. ئامېرىكا <ئىزدەش يىڭنىسى> گە ئوخشىشىپ كېتىدىغان بىر خىل مىكرو ماشىنا ئادەمنى تەتقىق قىلىپ چىققان. ئۇ ئادەم تېنىگە كىرىپ، چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىدىكى نېرۋا ھۈجەيرىسىدە پەيدا بولغان سىگنالنى خاتىرىلىيەلەيدۇ، كەلگۈسىدە يەنە نېرۋىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، پالەچ كېسەللىكىنى داۋالىيالايدۇ.
نۆۋەتتە، نۇرغۇن دۆلەتلەر مىكرو ماشىنا ئادەمنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. ئالىملار پەن - تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، مىكرو ماشىنا ئادەملەرنىڭ ئىقتىدارى يەنىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىغا، ئۇلار دوختۇرلارنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ياردەمچىسىگە ئايلىنىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلماقتا.