UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبوۋاقلارغا نېمە ئۈچۈن مىس تولۇقلاش كېرەك؟

بوۋاقلارغا نېمە ئۈچۈن مىس تولۇقلاش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن مىس ئادەم بەدىنىدە كەم بولسا بولمايدىغان مىكرو ئېلېمېنتلارنىڭ بىرى، مىس بەدەندىكى ئاقسىل ۋە ئېنزىملارنىڭ مۇھىم تەركىبى. بەدەندىكى نۇرغۇنلىغان مۇھىم ئېنزىملارنىڭ ھەممىسى مىسنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئاكتىپلىشىدۇ ھەم بۇ ئېنزىملارنىڭ بەدەننىڭ فىزىئولوگىيىلىك ھەرىكىتى ئېھتىياجلىق بولغان ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە ياردىمى بولۇپ، قاندىكى ھىماتىن (قان قىزىل ماددىسى) نىڭ شەكىللىنىشىگە ياردەم قىلىدۇ؛ بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىنى تۇتۇپ تۇرىدۇ ۋە ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ؛ چاچ، سۆڭەك، چوڭ مېڭە ھەمدە يۈرەك، جىگەر، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى ۋە ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى ساقلايدۇ. مىس كەمچىل بولغاندا بوۋاق بالىلار ھەم ئۆسمۈرلەرنىڭ بەدىنى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. بوۋاقلاردا مىس كەمچىل بولغاندا بەدەن ئۆسۈشتىن توختاپ قېلىش، كىچىك مېڭىسى تولۇق يېتىلمەسلىك، چوڭ مېڭە قان تومۇرى كېڭىش، قان ئازلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. لېكىن مىس بەك كۆپ بولۇپ كەتسىمۇ زەھەرلىنىش ئەھۋالى مەسىلەن: كۆكۈچ يېشىل تەرەت كېلىش ۋە شۆلگەي ئېقىش، جىددىي خاراكتېرلىك قان ئېرىش ھەم بۆرەك ئىقتىدارى بىنورماللىق قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە