بىر ياشلىق بالىلارغا كىتاب كۆرۈشنى قانداق ئۆگىتىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
بالىلارغا كىتاب كۆرۈشنى ئۆگىتىشتە ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە قاراپ تەدرىجىي ئېلىپ بېرىش، بالىلارغا بىراقلا خەت ۋە ھېكايە بار كىتابنى كۆرسەتمەسلىك كېرەك. بولمىسا بالىلار بۇ خىل كىتابنى چۈشەنمەي، كىتابقا قارىتا قىزىقىش شەكىللەنمەيدۇ. ھەتتا كىتابقا قارىتا ئۆچ بولۇپ قېلىش پسىخىكىسى پەيدا بولۇپ، كىتابنى كۆرسىلا قېچىپ كېتىدۇ. شۇڭا، 12 ئايلىق بولغان بالىلارغا ھايۋانات، مېۋە قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇشتا بار نەرسىلەر بولغان رەسىملىك كىتابلارنى ئېلىپ بېرىپ، بالىلارغا رەسىمنى تونۇشنى ئۆگىتىش، بالىلار بىر يېرىم ياشقا كىرگەندە، ئاندىن ئاددىي ھېكايىلەر بار رەسىملىك كىتابنى ئېلىپ بېرىپ، بالىلارنىڭ ئۆزلىرى ۋاراقلاپ، رەسىملەرنى كۆرۈشىگە بېرىش. ئىككى ياشقا كىرگەندە، ھەرپلىك بەلگىلەر بار رەسىملىك كىتابنى تېپىپ بېرىپ، ھەر كۈنى بالىلارغا كىتاب كۆرسەتكەچ، ھېكايە ئېيتىپ بېرىش كېرەك