كەسپىي ئانىلار ئانا سۈتىنى قانداق ساقلايدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئانا سۈتىنى ساقلاشنى تۆۋەندىكى ئۇسۇللار بويىچە ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ:
1. قولنى پاكىز يۇيۇۋېتىپ، سۈتنى سېغىپ چىقىرىپ، ئىشتىن ئىلگىرى دېزىنفېكسىيىلەپ تەييارلاپ قويۇلغان ئېمىزگۈگە قۇيۇپ ساقلاش. سۈت سېغىش ۋاقتىنى ئۆزىنىڭ شارائىتىغا قاراپ بەلگىلىسە بولىدۇ. كەچتە سېغىپ قويسىمۇ ياكى ئىشقا بېرىشنىڭ ئالدىدا سېغىپ قويسىمۇ بولىدۇ ۋە يەنە خىزمەت قىلىۋاتقاندىكى ئارىلىقلاردا سېغىپ قويسىمۇ بولىدۇ. لېكىن دائىم ئىككى قېتىملىق سۈت سېغىش ۋاقتىنىڭ ئارىلىقى ئۈچ سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، سۈت قايتىش يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
2. سېغىلغان سۈتنى توڭلاتقۇغا سېلىپ قويۇش. ئەگەر ئۈچ ~ بەش كۈن ئىچىدە ئىشلىتىلىدىغان ئانا سۈتىنى بىۋاسىتە يېڭى پېتى ساقلاش ئورنىدا قويۇش، ئۇزاقراق ساقلاشقا توغرا كەلسە توڭلىتىش ئورنىدا قويۇش مۇۋاپىق. توڭلىتىش ئورنىنىڭ تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 18℃ دىن تۆۋەن بولغاندا سۈتنى تۆت ئاي ساقلىغىلى بولىدۇ. لېكىن سۈتنى ئاۋۋال نورمال تېمپېراتۇرىغىچە سوۋۇتۇپ ئاندىن توڭلاتقۇغا سېلىپ توڭلىتىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ئانا خىزمەت ۋاقتىدا سېغىپ قويغان سۈتنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىشتىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى يېڭى سېغىلغان سۈتنى ئۆي تېمپېراتۇرىسى شارائىتىدا 6 ~ 10 سائەت ساقلاشقا بولىدۇ. لېكىن سۈتنى بەك لىق سېغىۋەتمەسلىككە ھەم ۋاقتىدا ئاغزىنى چىڭ ئېتىۋېتىشكە دىققەت قىلىش مۇھىم.
3. لازىم بولغاندا سۈتنى ئېلىپ ئىللىتقاندىن كېيىن بوۋاققا بېرىش. توڭلىتىلغان سۈتنى ئاۋۋال سوغۇق سۇغا سېلىپ ئېرىتىپ ئاندىن ئىسىسق سۇغا سېلىپ ئىللىتىش ھەمدە ئاستا تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن بوۋاققا ئىچۈرۈش. سۈتنى ئىسسىتقاندا ھەرگىزمۇ بىۋاسىتە ئوتتا ياكى مىكرو دولقۇنلۇق دوخوپكىدا ئىسسىتماسلىق، ئانا سۈتىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە بىر قېتىم توڭلىتىلغان سۈتنى بوۋاق بىر قېتىمدا ئىچىپ بولالمىسا تۆكۈۋېتىش، ھەرگىز قايتىدىن توڭلاتماسلىق كېرەك.