يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ پۇراش سېزىمى ۋە تېتىش سېزىمى بارمۇ؟
نېمە ئۈچۈن
گەرچە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېتىش سېزىمى مۇكەممەل يېتىلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن بەلگىلىك تەم سېزىش ئىقتىدارىغا ئىگە. تۇغۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي بوۋاقلار ئوخشىمىغان تەملەرگە ھۆكۈم قىلالايدۇ، دائىم تاتلىق تەملىك سۇ ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ. تۇزلۇق، چۈچۈمەل ياكى قىرتاق تەملەرگە نىسبەتەن ئازابلانغان، ئاچچىقلانغان چىراي ئىپادىسىدە بولىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ پۇراش سېزىمىمۇ ئىنتايىن ئۆتكۈر، ئوخشىمىغان پۇراقلارنى ئايرىيالايدۇ، بولۇپمۇ ئانا تېنىدىن كەلگەن پۇراققا نىسبەتەن ئىنتايىن سەزگۈر. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار بۇرۇننى غىدىقلايدىغان پۇراقلارنى پۇرىغاندا، قاپىقىنى تۈرۈۋالىدۇ.