قىزىتما دېگەن نېمە؟
نېمە ئۈچۈن
قىزىتما بەدەن تېمپېراتۇرىسى نورمال دائىرىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكنى كۆرسىتىدۇ. ھازىر بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش ئۇسۇللىرىدىن ئېغىز بوشلۇقىدىن ئۆلچەش، قولتۇق ئاستىدىن ئۆلچەش ۋە مەقئەت ئىچىدىن ئۆلچەش ئۇسۇلى بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغىنى قولتۇق ئاستىدىن ئۆلچەش ئۇسۇلى. ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئادەم بەدىنىنىڭ قولتۇق ئاستى نورمال تېمپېراتۇرىسى 37℃~36℃، نورمال تېمپېراتۇرىنىڭ بەلگىلىك يەككە تەن پەرقىگە ئىگە ھەم دائىم ئورگانىزم ئىچى، سىرتىدىكى ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تەۋرىنىدۇ. مەسىلەن: بىر كۈنى چۈشتىكى بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئەتىگەندىن بىر ئاز يۇقىرى، ياز پەسلى، ھەرىكەت، يىغلاش ياكى تاماقتىن كېيىنكى بەدەن تېمپېراتۇرىسى يېنىك دەرىجىدە يۇقىرى كېلىپ ئادەتتە تەۋرىنىش دائىرىسى 1℃دىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكىگە ئاساسەن قىزىتما تۆۋەندىكىدەك ئايرىلىدۇ. تۆۋەن قىزىتما 38℃~37.3℃؛ ئوتتۇرا دەرىجىدىكى قىزىتما 39℃~38.1℃؛ يۇقىرى قىزىتما 41℃~39.1℃؛ ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى قىزىتما 41℃ دىن يۇقىرى.