نېمە ئۈچۈن تېزەكچى قوڭغۇز تېزەك دومىلىتىشقا ئامراق؟
نېمە ئۈچۈن
تېزەكچى قوڭغۇز پۈتۈن بەدىنى پارقىراپ تۇرىدىغان چوڭ تىپتىكى بىر خىل قوڭغۇز، ئۇنىڭ ھەقىقى ئىسمى تولۇقچى قوڭغۇز. بۇ ھايۋاننىڭ غەلىتە بىرئادىتى بار. ئۇ تېزەكنى شار قىلىپ ياساپ، دومىلىتىپ ئاپىرىپ كۆمۈپ قويىدۇ. ئۇ نېمە ئۈچۈن مۇنداق قىلىدۇ؟ چۈنكى تېزەكچى قوڭغۇزنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرۈپ يەيدىغان ئوزۇقى تېزەك.
تېزەكچى قوڭغۇز بىر دۆۋە تېزەكنى ئۇچرىتىپ قالسا، ئالدى بىلەن ھەرە چىشلىق ئالدى پۇتى بىلەن كىچىك بىر پارچە يەرنى سۈپۈرۈپ تازىلايدۇ، ئاندىن كاللىسىنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى مۈڭگۈز ماددىلىق ئېڭىكى ئارقىلىق تېزەكنى قورسىقىنىڭ ئاستىغا يىغىدۇ، ئاندىن ئىككى ئىنچىكە ئۇزۇن ئارقا پۇتى ئارقىلىق تېزەكنى يۇپيۇمىلاق شار ھالىتىگە كەلتۈرگىچە ئۇياق - بۇياققا دومىلىتىپ ئېكەكلەيدۇ.
تېزەكنى شار ھالىتىگە كەلتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن بىخەتەر، ئىشەنچلىك جايغا يوشۇرۇپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تېزەكچى قوڭغۇز تېزەك يۆتكەش سەپىرىنى باشلايدۇ. ئۇ ئارقا پۇتى بىلەن تېزەكنى ئىلىۋالىدۇ، ئاندىن بېشىنى تۆۋەنگە قىلىپ كۈچلۈك ئالدى پۇتى بىلەن يەرنى قاماللاپ تېزەنى ئارقىغا ئىتتىرىدۇ. ئاخىر تېزەكنى ئىتتىرىپ ئاپىرىپ بىر كامارغا كىرگۈزىدۇ، ئاندىن كېرەكسىز نەرسىلەر بىلەن كامارنىڭ ئاغزىنى ئېتىپ قويىدۇ.
تېزەكچى قوڭغۇز تۇخۇملاشقا ئاز قالغاندا، ؛ۇ يەنە نەشپۇت شەكلىدە بىر تېزەك شارچىنى تۇخۇملىرىنى باقىدىغان <ئۆي> قىلىپ تەييارلايدۇ. تېزەك شارچىنىڭ ئىچىگە تۇغۇلغان تۇخۇملاردىن كىچىك تېزەكچى قوڭغۇزلار يېتىلىپ چىقىدۇ. كىچىك تېزەكچى قوڭغۇزلار ئەتراپىدىكى تېزەكلەرنى يەپ بولغاندىن كېيىن، ئۆز ئالدىغا ياشىغۇدەك ھالەتتە چوڭ بولۇپ يېتىلىدۇ.