UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى توغرا ھالدا قانداقكۆتۈرۈپ قويۇش كېرەك؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى توغرا ھالدا قانداقكۆتۈرۈپ قويۇش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى كۆتۈرۈپ قويۇشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى بىلىۋالغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى باسقۇچلارغا ئاساسەن بوۋىقىنى كۆتۈرسە بولىدۇ. ئېگىلىپ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ باش - بوينى بىلەن دۈمبە - كاسىسىنى تىرىۋېلىش كېرەك. ئاساسلىق ئۇسۇللىرى ئاستا - ئاستا بەلنى ئېگىپ يان تەرەپ ياكى ئۇدۇلدىن بوۋاققا يېقىنلىشىپ، بىر قولنى ئۇنىڭ بوينىنىڭ تېگىگە كىرگۈزۈپ بوۋاقنىڭ بېشىنى تىرىۋالىمىز. يەنە بىر قولنى دۈمبە - كاسا ئارىسىغا قويۇپ بوۋاقنىڭ تۆۋەنكى يېرىم بەدىنىنى تىرىۋالىمىز. ئاندىن يۇمشاق يەڭگىل ھالدا كۆتۈرىمىز. بۇ خىل ئۇسۇلدا بوۋاقنىڭ بارلىق ئېغىرلىقى قولغا يۆتكىلىپ، باش قىسمىنى قوغداپ قالغان ھالدا قولغا ئالغىلى ئاندىن بىر تەرەپتىن بەدىنىنى كۆتۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن بالىنى كۆتۈرۈپ مەيدىسىگە ئالغىلى بولىدۇ. بوۋاق گەرچە يىغلاۋاتقان بولسىمۇ ئاتا - ئانىلار ئۆزىنى بېسىۋېلىپ، يۇمشاق سۆزلىرى بىلەن بوۋاقنى بەزلەش، بوۋاقنى ياتقۇزۇپ ياكى تىك ھالدا مەيدىسىگە چىقىرىپ كۆتۈرۈش كېرەك. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى قويۇش جەريانىدىمۇ ئوخشاشلا بوۋاقنىڭ باش قىسمىنى تىرىۋېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بولمىسا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا كەينىگە چۈشۈپ كېتىش، پۇت - قول تىترەپ، چۆچۈگەن ھالەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بوۋاقنى قويغاندا بىلەك بىلەن بوۋاقنىڭ بېشىنى تىرەپ ئاندىن ئاستا كارىۋات ئۈستىگە قويۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىللىق كۆز نۇرى بىلەن بوۋاققا قاراش ھەم گەپ - سۆزلەر بىلەن بالىنى بەزلەش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە