UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبوۋاقلارنىڭ سۈتتىن بىزار بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى قايسىلار؟

بوۋاقلارنىڭ سۈتتىن بىزار بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى قايسىلار؟

نېمە ئۈچۈن بوۋاقلىق مەزگىلىدە سۈت بوۋاقلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئوزۇقلۇق مەنبەسى. سۈت ئىچكىلى ئۇنىمايدىغان ياكى بىر نەچچە يۇتۇم ئىچسىلا بىزارلىق ھېس قىلىپ يىغلايدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەن ھامان ئاتا - ئانا ياكى ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ھەممىسى بەك جىددىيلىشىپ كېتىدۇ. ھالبۇكى بۇ ۋاقىتتا بوۋاقنىڭ سۈتتىن بىزارلىق ھېس قىلىشنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىش كېرەك. بوۋاقلاردا سۈتتىن بىزار بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كۆپ كۆرۈلىدىغان سەۋەبلەر تۆۋەندىكىدەك 1. ئانا نامۇۋاپىق يېمەكلىك ئىستېمال قىلىپ، ئانا سۈتىنىڭ تەمىدە ئۆزگىرىش بولۇپ قېلىپ، شۇنىڭدىن بوۋاق سۈتتىن بىزار بولغان. ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئانا يېگەن يېمەكلىكنىڭ تەمى تەخمىنەن ئىككى سائەتتە سۈتكە كىرىدۇ بوۋاق سۈتنىڭ تەمىگە نىسبەتەن ئىنتايىن سەزگۈر، ئەگەر ئۇ ياخشى كۆرمەيدىغان تەم بولسا ياكى بىئاراملىق ھېس قىلدۇرسا مەسىلەن: قورساق ئاغرىش، قورساق كۆپۈش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارسا سۈتتىن بىزار بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. كۆپ كۆرۈلىدىغان نامۇۋاپىق يېمەكلىكلەردىن ئاچچىق يېمەكلىكلەر مەسىلەن: قىزىلمۇچ، سامساق، كۈدە قاتارلىقلار، تەركىبىدە كوففېئىن بولغان يېمەكلىكلەردىن مەسىلەن: قەھۋە، قېنىق چاي، ئىچىملىك قاتارلىقلار بار. نامۇۋاپىق يېمەكلىكلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان سۈتتىن بىزارلىق ئانا يېمەكلىك يەپ 24 سائەتكىچە ساقلىنىدۇ. ئەگەر ئانا بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن توختىسا، بوۋاقنىڭ سۈتتىن بىزار بولۇش ئالامىتى ئاستا - ئاستا يېنىكلەيدۇ ياكى يوقايدۇ. 2. سۈنئىي بېقىلىدىغان بوۋاقلارغا نىسبەتەن سۈتنىڭ تېمپېراتۇرىسى مۇۋاپىق بولمىدىمۇ ياكى سۈت بېرىش قىياپىتى ياكى پوزىتسىيىسى ياخشى بولمىدىمۇ دېگەننى ئويلىشىش كېرەك. 3. بوۋاق قوشۇمچە يېمەكلىكنى يەپ قورسىقى ئاللىقاچان تويۇپ قالدىمۇ - قانداق؟ 4. بوۋاق ئاغرىپ قالدىمۇ مەسىلەن: نەپەسلىنىش يولى يۇقۇملىنىش، قۇلاق ياللۇغى، ئېغىز ياللۇغى قاتارلىقلار بىلەن كېسەللەندىمۇ؟ ئەگەر سەۋەبى ئېنىق بولمىسا ياكى بوۋاق ئاغرىپ قالسا دوختۇرغا كۆرسىتىپ تەكشۈرۈپ داۋالىتىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە