UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى خىلامىدىيىلىك بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى دېگەن نېمە؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى خىلامىدىيىلىك بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى دېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن خىلامىدىيە ھۈجەيرىدە پارازىتلىق ياشايدىغان بىر خىل مىكرو ئورگانىزم بولۇپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى ۋە ئۆپكە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى خىلامىدىيىلىك بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى كۆپىنچىسى ھامىلە تۇغۇت يولىدىن ئۆتكەندە يۇقۇملىنىدۇ، بالىياتقۇنى يېرىپ تۇغدۇرۇلغان يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىمۇ يۈز بېرىدۇ. ئادەتتە ئانىدا دائىم باش سۈيى بالدۇر يېرىلىش بولغان بولىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى كۆپ ھاللاردا تۇغۇلۇپ تۆت كۈندىن بەش كۈنگىچە كېسەللىنىدۇ. ئاساسلىق ئىپادىسى قاپاق ۋە بىرىكتۈرگۈچ پەردە (كۆز ئېقىنىڭ سىرتقى يۈزىگە تېگىشىپ تۇرىدىغان ۋە قاپاقنىڭ ئىچ تەرىپىدىكى بىر قەۋەت پەردە) دە كۆرۈنەرلىك قان تولۇش، سۇلۇق ئىششىق بىلەن بىللە كۆپ مىقداردا يىرىڭلىق ئاجراتمىلار بولىدۇ. قان تولۇش بارا - بارا يېنىكلەيدۇ، يىرىڭلىق ئاجراتمىلار تۇغۇلۇپ نەچچە ھەپتىدىن نەچچە ئايغىچە ئۆزلۈكىدىن تارقىلىپ كېتىدۇ. ئايرىملىرى ئاستا خاراكتېرلىككە ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، بىرىكتۈرگۈچى پەردىدە تاتۇق قالمايدۇ ھەم مۈڭگۈزلۈك پەردىگە يىغىلىپ قالمايدۇ. بۇ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار تۇغۇلۇپلا 1% لىك ئېرىترومىتسىن كۆزگە تېمىتىش دورىسىنى كۈندە ئۈچ قېتىم جەمئىي ئىككى كۈندىن ئۈچ كۈنگىچە تېمىتىش كېرەك. خىلامىدىيىلىك بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى ئىكەنلىكى ئېنىق بولغاندا يەرلىك ئورۇنغا دورا ئىشلىتىشتىن سىرت ئاۋۋال ئېرىترومىتسىننى ئىچكۈزۈش ھەم ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى خىلامىدىيىلىك بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى دېگەن نېمە؟ | UyghurWiki | UyghurWiki