بوۋاقلارغا ئاقسىلنى قانداق تولۇقلاش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
ئاقسىل ھايۋانات خاراكتېرلىك ئاقسىل ۋە ئۆسۈملۈك خاراكتېرلىك ئاقسىل دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئۆسۈملۈك خاراكتېرلىك ئاقسىل تەركىبى مول بولغان يېمەكلىكلەردىن پۇرچاق تۈرىدىكىلەر، خاسىڭ قاتارلىقلار بار. ھايۋانات خاراكتېرلىك ئاقسىل تەركىبى مول بولغان يېمەكلىكلەردىن گۆش تۈرىدىكىلەر، سۈت تۈرىدىكىلەر، تۇخۇم تۈرىدىكىلەر، بېلىق، راك قاتارلىقلار بار. ئادەم بەدىنىنىڭ ئاقسىلغا بولغان ئېھتىياجى پەقەت يېمەكلىكتىكى ئاقىسلنىڭ مىقدارى بىلەن باغلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئاقسىل ئۆز ئىچىگە ئالغان زۆرۈر ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ تۈرى ۋە نىسبىتىگىمۇ باغلىق. ھايۋانات خاراكتېرلىك ئاقسىل ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ تۈرى ۋە نىسبىتى ئادەم بەدىنىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسىراق بولغانلىقتىن، ھايۋانات خاراكتېرلىك ئاقسىلنىڭ ئۆسۈملۈك خاراكتېرلىك ئاقسىلغا قارىغاندا ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولىدۇ. ئۆسۈملۈك خاراكتېرلىك يېمەكلىكلەردە يەنى گۈرۈچ، ئۇن ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاقسىلدا لىزىننىڭ مىقدارى كەمچىل، پۇرچاق تۈرىدىكى ئاقسىلدا بولسا مېتئونىن ۋە سىيسىتىننىڭ مىقدارى ئاز. شۇ سەۋەبتىن ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بەرگەندە بىر - بىرنى تولۇقلاپ، ئارىلاشما ئاقسىلنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. گەرچە ئانا سۈتى، كالا سۈتى، توخۇ تۇخۇمى تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ مىقدارى تۆۋەنرەك بولسىمۇ لېكىن ئۇلار ئۆز ئىچىگە ئالغان زۆرۈر ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى ئاساسىي جەھەتتىن ئادەم بەدىنىدىكىگە ئوخشاش بولغاچقا، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرىراق بولۇپ، بوۋاقلارنىڭ ئەڭ ياخشى يېمەكلىكىدۇر