نېمە ئۈچۈن داس سۆڭەكنى ئۆلچەش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
بوشانغان ۋاقىتتا ھامىلە بېسىپ ئۆتىدىغان يول <تۇغۇت يولى> دېيىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بالىياتقۇ بوينى، جىنسىي يول، سىرتقى جىنسىي قىسىم قاتارلىقلار مۇسكۇل قەۋىتىدىن تەركىب تاپقان يۇمشاق قىسىم، بوشانغان ۋاقىتتا مۇۋاپىق دەرىجىدە ئېلاستىكلىققا ئىگە. بىراق داس سۆڭەك بولسا قاتتىق ئۇستىخان بولۇپ، ئېلاستىكلىققا ئىگە ئەمەس. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، داس سۆڭەكنىڭ چوڭ ياكى كىچىك بولۇشى تۇغۇتقا نىسبەتەن ناھايىتى چوڭ تەسىرى بار. داس سۆڭەك بوشلۇقىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنى ئۆلچەش ئارقىلىق بوشىنىش ۋاقتى توشقاندا بوۋاقنىڭ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇش - تۇغۇلماسلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ. ئادەتتە، ئېگىز بويلۇق قىزلارنىڭ داس سۆڭىكى چوڭ، بوۋاقمۇ نىسبەتەن چوڭ بولىدۇ. ئورۇق قىزلارنىڭ داس سۆڭىكى كىچىك، بوۋاقمۇ كىچىك بولىدۇ. بىراق مۇتلەق ھالدا ھۆكۈم چىقىرىۋېتىشكىمۇ بولمايدۇ، بەزىدەئالاھىدە ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ. داس سۆڭەك بولسا، تۇغۇت يولىدىكى مۇھىم قىسىم بولغاچقا، ئادەتتە <قاتتىق تۇغما يولى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بوشانغان ۋاقىتنىڭ تېز - ئاستىلىقى، ئوڭۇشلۇق بولۇش - بولماسلىقى كۆپىنچە داس سۆڭەكنىڭ شەكلى ۋە چوڭ - كىچىكلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. داس سۆڭەكنىڭ شەكلى گەرچە نورمال بولسىمۇ، بىراق دىئامېتىرى قىسقا بولسا، قىيىن تۇغۇت ھادىسىسى كۆرۈلۈپ قېلىش ئېھتىمالى بار. ئۇنىڭ ئەكسىچە، داس سۆڭەك بىنورمال بولۇپ، دىئامېتىرى ئۇزۇن بولسا، قىيىن تۇغۇت بولۇپ قېلىش ئېھتىمالى ئاساسەن يوق. شۇڭا، تۇغۇتتىن بۇرۇن داس سۆڭەكنى تەپسىلىي، ئەستايىدىل ئۆلچەش ئىنتايىن مۇھىم. ئادەتتە بىرىنچى قېتىملىق تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈشتە، دوختۇرنىڭ داس سۆڭەككە بولغان ھەرخىل تەكشۈرۈش جەريانىنى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى تەكشۈرۈش كارتىسىغا يېزىپ مېڭىش كېرەك.