نېمە ئۈچۈن دورىنى چاي بىلەن ئىچىشكە بولمايدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بەزىلەر دورا ئىچىشنى ئانچە مۇھىم بىلىپ كەتمەيدۇ، ياكى دورىنى ئىچمەي قويىدۇ، ياكى ئىشنىڭ ئاسىنىغا كىرىپ دورىنى چاي بىلەنلا ئىچىۋېتىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ياخشى ئادەت ئەمەس.
بىزگە مەلۇم، چاي تەركىبىدە بىر مۇنچە تاننىكلار بار، بۇلار دورىدىكى مېتال ئىئونى بىلەن خىمىيىلىك رېئاكسىيە پەيدا قىلىپ، سۇدا ئېرىمەيدىغان ماددىلارنى پەيدا قىلىدۇ، سۇدا ئېرىمەيدىغان ماددىلارنى پەيدا قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن دورىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ۋە داۋالاش ئۈنۈمىنىڭ جارى قىلدۇرۇلۇشىغا تەسىر يېتىدۇ. مەسىلەن، بەزى قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بىمارلار ئىچىدىغان، تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى بولغان دورىلار ئەگەر چاي بىلەن ئىچىلسە، تاننىكلار بىلەن تۆمۈر بىرىكىپ، تۆمۈر تاننات ھاسىل قىلىدۇ؛ ئاشقازان يارىسى بار بىمارلارغا بېرىلىدىغان دورىلارنىڭ تەركىبىدىكى ئاليۇمىن ھىدروكسىد چاي تەركىبىدىكى تاننىكلار بىلەن ئۇچراشسا، ئاليۇمىن تاننات ھاسىل بولىدۇ. بۇ ماددىلار سۇدا ئېرىمىگەچكە ئادەم تېنىمۇ ئاسان قوبۇل قىلمايدۇ، بۇنىڭدا كېسەل داۋالاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايلا قالماستىن، بەلكى ئاشقازان، ئۈچەيگە تەسىر كۆرسىتىپ بىئاراملىق پەيدا قىلىدۇ.
تەركىبىدە بىئولوگىيىلىك تۇز بولغان دورىلار، مەسىلەن، ئېفېدرىن (ماخۇاڭسۇ)، بېربېرىن (خۇاڭليەنسۇ)، ئاتروپىن قاتارلىقلار چايدىكى تاننىكلار بىلەن رېئاكسىيىلەشسە، چۆكۈندى پەيدا قىلىدۇ. فېرمېنتلىق دورىلار، مەسىلەن، فېرمېنت تابلېتكىسى، پېپسىن، پانكرېئاتىن تابېلتكىسى چايدىكى تاننىك ۋە ئاقسىل بىلەن بىرىكسە، بۇ دورىلار تەركىبىدىكى فېرمېنتنىڭ ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىش رولىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
چايدا يەنە كوففېئىن بار، ئۇ مەركىزىي نېرۋىنى جانلاندۇرۇش رولىغا ئىگە. تىنچلاندۇرۇلغان، ئۇخلىتىدىغان دورىلارنى يېگەند، ھەرگىز چاي بىلەن ئىچىشكە بولمايدۇ، بولمىسا، يۇقىرىقى دورىلارنىڭ ئۇخلىتىش رولىنى يوقىتىپ قويىدۇ.