UyghurWiki
UyghurWikiنەمەسۇ ئاستى پاراخوتى سۇ ئاستىدا قانداق قىلىپ يېتەرلىك ئوكسېگىنغا ئېرىشىدۇ؟

سۇ ئاستى پاراخوتى سۇ ئاستىدا قانداق قىلىپ يېتەرلىك ئوكسېگىنغا ئېرىشىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن زامانىۋى سۇ ئاستى پاراخوتلىرى سۇ ئاستىدا ئۇزاق خىزمەت قىلىپ، يوشۇرۇش، تەكشۈرۈش، رازۋېدكا قىلىش، ھۇجۇم قىلىش، مۇداپىئە كۆرۈش قاتارلىق كۆپ خىل ھەربىي ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىشى كېرەك، شۇڭا چوڭ تىپتىكى يادرو سۇ ئاستى پاراخوتلىرىدا ھەمىشە 100 دىن ئارتۇق ئادەم بولىدۇ، گەرچە سۇ ئاستى پاراخوتىغا يېتەرلىك سۇ ۋە يېمەكلىك ئېلىۋېلىنسىمۇ، بىراق مەسىلە شۇ يەردىكى ، سۇ ئاستى پاراخوتى بەزىدە سۇ ئاستىغا بىر چۆكۈۋالسا، بىر قانچە ئايغىچە سۇ يۈزىگە چىقمايدۇ، بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئوكسېگىن نەدىن كېلىدۇ؟ خاتىرىلىنىشىچە، 1800 - يىلى ياسالغان <شاتۇتى قۇلۇلىسى> ناملىق سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ئىچىدىكى ھاۋا پەقەت تۆت كىشىنىڭ ئاران ئۈچ سائەت نەپەسلىنىشىگە يېتىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئىككى تاللا شامنى ياندۇرغىلى بولىدىكەن. ئەمما زامانىۋى سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا ھەر خىل ئۈسكۈنىلەر ئورنىتىلغان بولۇپ، بۇلار پاراخوت ئىچىدىكى ئوكسېگىننىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ھازىرقى سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا ئوكسگېن ھاسىللاش قۇرۇلمىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، بۇلار سۇنى ئېلېترولىزلاپ ئوكسېگىن ھاسىللاش قۇرۇلمىسى، ئوكسېگىن بالونى، سۇيۇق ئوكسېگىن باكى قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ، سۇيۇق ئوكسېگىن باكىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئوكسېگىنلا پاراخوتتىكى بارلىق خادىملارنىڭ ئۈچ ئاي نەپەسلىنىشىگە يېتىدۇ. سۇ ئاستى پاراخوتىدا يەنە ھەمىشە بىر خىل <ئوكسىگېن ھاسىل قىلىدىغان شام> ئىشلىتىلىدۇ، ئۇ ئالاھىدە خىمىيىلىك ماتېرىياللاردىن ياسالغان بولۇپ، شەكلى شامغا بەك ئوخشىشىدۇ، ياندۇرغاندىن كېيىن كۆپ مىقداردا ئوكسىگېن ھاسىل قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پاراخوت ئىچىگە يەنە كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدىنى سۈمۈرۈۋېلىش قۇرۇلمىسى ۋە ھاۋا تازىلاش قۇرۇلمىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۇلار گەرچە ئوكسىگېن ھاسىل قىلمىسىمۇ، بىراق پاراخوت ئىچىدىكى ھاۋا تەركىبىدىكى ئارىلاشما ماددىلار ۋە زىيانلىق گازلارنى بىر تەرەپ قىلىپ، ھاۋانىڭ ساپلىقىنى ساقلايدۇ؛ ھاۋا تەڭشەش ئۈسكۈنىلىرى پاراخوت ئىچىنىڭ نەملىكى ۋە تېمپېراتۇرىسىنى تىزگىنلەپ، ياخشى تۇرمۇش ۋە خىزمەت مۇھىتىنى ساقلايدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، سۇ ئاستى پاراخوتىغا يەنە ھاۋا ئۆتۈشتۈرۈش تۇرۇبىسى ئورنىتىلغان، مۇۋاپىق شارائىتتا، سۇ ئاستى سۇ يۈزىگە بىر نەچچە مېتىردىن ئون نەچچە مېتىرغىچىلىك قالغان ئارىلىققىچە كۆتۈرۈلۈپ، ھاۋا ئۆتۈشتۈرۈش تۇرۇبىسىنى سۇ يۈزىگە چىقىرىدۇ، ساپ ھاۋانى سۈمۈرۈپ، پاراخوت ئىچىدىكى پاسكىنا ھاۋانى سىرتقا چىقىرىۋېتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
سۇ ئاستى پاراخوتى سۇ ئاستىدا قانداق قىلىپ يېتەرلىك ئوكسېگىنغا ئېرىشىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki