UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئۆتكۈر كانايچە ياللۇغى دېگەن نېمە؟

ئۆتكۈر كانايچە ياللۇغى دېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن ئۆتكۈر كانايچە ياللۇغى كانايچىنىڭ ئۆتكۈر ياللۇغى بولۇپ، دائىم كانايمۇ تەڭ ئاغرىيدۇ. شۇڭا ئەمەلىيەتتە ئۆتكۈر كاناي، كانايچە ياللۇغى دېيىلىدۇ. ئۆتكۈر كانايچە ياللۇغىنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى ئۈستۈنكى نەپەس يولى يۇقۇملىنىش (زۇكام) تىن كېيىن ئەگىشىپ كەلگەن بولۇپ، ئۈستۈنكى نەپەس يولى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەل قوزغاتقۇچىلارلا بولسا ئۆتكۈر كانايچە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كېسەل قوزغاتقۇچىلار ھەرخىل باكتېرىيە ياكى ۋىرۇس بولسىمۇ يەنە ئارىلاشما يۇقۇملىنىش بولىدۇ. كېسەللەنگۈچىدە دائىم ئالدى بىلەن پوتلا ئېقىش، بۇرنى توسۇلۇش قاتارلىق زۇكامنىڭ ئالامەتلىرى بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە يۆتەل ئەڭ ئاساسلىق ئىپادىسى، باشلىنىشتىلا قۇرۇق يۆتەل بولۇپ كېيىن بەلغەم بولىدۇ. بوۋاق بالىلار ئۆتكۈر كانايچە ياللۇغى بولغاندا ئىپادىلىرى ئېغىرراق، دائىم قىزىش، تامىقى ئازلاش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئىپادىلەر بولىدۇ. ئەگەر بوۋاقتا يۇقىرىقىدەك ئىپادىلەر كۆرۈلسە ياكى زۇكامدىن كېيىن يۆتەل ئېغىرلاپ كەتسە، بۇ كېسەلنىڭ يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكىگە ھوشيار بولۇپ، ۋاقىتتا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرۈپ داۋالاش كېرەك
← بارلىق تېمىلار نەمە