UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن بالىلار فىگۇرا ئىشتىنىنى كىيسە مۇۋاپىق بولمايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بالىلار فىگۇرا ئىشتىنىنى كىيسە مۇۋاپىق بولمايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بالىلارنىڭ كىيىنىشىدە ئەزەلدىن يۇمشاق، كەڭتاشا، ئاسان كىيىپ - سالغىلى بولىدىغان بولۇش، رەختى ئەڭ ياخشىسى پاختا ياكى يىپەك بولۇش تەكىتلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنداق بولغاندا ھەم تېرىسىگە تەسىر يەتمەيدۇ، ھەم بالىلارنىڭ ھەرىكەت قىلىشىغا قۇلايلىق بولىدۇ. فىگۇرا ئىشتانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى خىمىيىلىك تالالىق رەختلەردىن تىكىلىدۇ، ئۇ ئاسانلا ئۆسمۈرلەرنىڭ تېرىسىنى غىدىقلاپ زىيادە سېزىم پەيدا قىلىشىمۇ مۇمكىن. چۈنكى بالىلارنىك تېرىسىدىكى مۈڭگۈزسىمان قەۋەت نېپىز، قىل قان تومۇرلار كۆپ بولىدۇ، خىمىيىلىك تالالاردىن ئىشلەنگەن رەختتىن تىكىلگەن ئىشتانلارنى كىيسە، ياللۇغىغا گىرىپتار بولىدۇ ياكى دۆڭچە ئەسۋىلىك ئېشەكيېمى ئۆرلەيدۇ. فىگۇرا ئىشتىنى بالىلارنىڭ ساغرىسى ۋە ئاياغ تەرىپىنى چىڭ قىسىۋالىدۇ، بۇ ماددا ئالمىشىشنىڭ ئەۋجىدە تۇرۇۋاتقان بالىلار ئۈچۈن ناھايىتى پايدىسىز، ھەتتا بالىلارنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. بالىلار جىم تۇرمىغاچقا، ئاسان تەرلەيدۇ، فىگۇرا ئىشتىنى بەدەننى چىڭ قىسىۋالىدىغان بولغاچقا، ئىسسىقلىقنىڭ تارقىلىشىغا پايدىسىز، بالىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ تەڭشىلىشىگە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇقەررەر. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىمىيىلىك تالا تەر ئىچمىگەچكە، بەدەندىن چىققان تەر بەدەندە بىخسىپ قېلىپ، بالىلارنى بىئارام قىلىدۇ. فىگۇرا ئىشتىنىنىڭ ئېغى قىسقا، كاسىسى تار بولغاچقا، چاترىقىدىن ھاۋا ئۆتۈشمەي، ئاسانلا ھۆل تەمرەتكىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. قىسقىسى، بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ - يېتىلىشى ئۈچۈن، بەزى مال ساتقۇچىلارنىڭ تەشۋىقاتىغا ئىشىنىپ كەتمەسلىك ياكى قارىغۇلارچە مودا قوغلاشماسلىق، بالىلارغا فىگۇرا ئىشتىنىنى كىيدۈرمەسلىك كېرەك
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن بالىلار فىگۇرا ئىشتىنىنى كىيسە مۇۋاپىق بولمايدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki