يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ قىزىتمىسىنى قانداقكۈتۈش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
قىزىتما يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەرنىڭ بىرى، شۇڭا <بوۋاق قىزىغاندا قانداق كۈتۈش كېرەك> دېگەنلىكمۇ ئاتا - ئانا ئۈچۈن ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدىغان مەسىلىنىڭ بىرى. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق مەزگىلى بىر ئالاھىدە مەزگىل، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتە نۇرغۇن ئالاھىدە تەرەپلىرى بار، شۇڭا بوۋاق قىزىغاندا خالىغانچە قىزىتما ياندۇرۇش دورىسى بېرىشكە بولمايدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار قىزىغاندا ئالدىن تاللىنىدىغىنى، ئەڭ ئاددىي ھەم ئاسان نەتىجىسى كۆرۈلىدىغان ئۇسۇل فىزىكىلىق تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش ئۇسۇلى. كونكرېت ئۇسۇلى: بوۋاقنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى 38℃ دىن تۆۋەن ۋاقىتتا، بوۋاققا پەقەت قايناق سۇنى كۆپرەك ئىچكۈزۈش ھەم بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ ئۆزگىرىشنى كۆزىتىشكە دىققەت قىلىش. ئادەتتە باشقىچە بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ھاجىتى يوق. ئەگەر بوۋاقنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى 38℃ دىن يۇقىرى بولسا، بوۋاقنىڭ يوتقىنىنى ئېچىۋېتىپ، نېپىزراق كىيىم ئالماشتۇرۇپ قويۇش. ئەگەر تېمپېراتۇرا چۈشمىگەن بولسا، بوۋاقنىڭ بېشىغا سوغۇق سۇ قۇيۇلغان خالتىنى قويۇپ تېمپېراتۇرا چۈشۈرۈش ياكى پاكىز لۆڭگىنى ئىلمان سۇدا ھۆللەپ بوۋاقنىڭ بويۇن، قولتۇق ئاستى، يوتا ئاستى قاتارلىق ئورۇنلارغا سۈرۈپ بېرىش. تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش جەريانىدا، بوۋاققا سوغۇق قايناق سۇ ئىچكۈزۈپ تۇرۇش ھەمدە بەدەن تېمپېراتۇرىسىدىكى ئۆزگىرىشىنى ئۆلچەپ تۇرۇشقا دىققەت قىلىش. تېمپېراتۇرا چۈشۈشكە باشلىغان ھامان دەرھال تېمپېراتۇرا چۈشۈرۈشنى توختىتىش، تۆۋەن بەدەن تېمپېراتۇرىسى كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئەگەر بوۋاقنىڭ تېمپېراتۇرىسى داۋاملىق چۈشمىسە ياكى چۈشۈپ قايتىدىن ئۆرلىسە دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ قىزىشنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىش كېرەك.