UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيىرىڭلىق مېڭە يۇلۇن پەردە ياللۇغى كېسىلىنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟

يىرىڭلىق مېڭە يۇلۇن پەردە ياللۇغى كېسىلىنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن بۇ خىل كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك: 1. بالىلارنىڭ بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بوۋاقلارنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى تەكىتلەش، ۋاقتىدا، مۇۋاپىق ھالدا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بېرىش، كۆپرەك ئاپتاپقا قاقلىنىش، سىرتقا چىقىپ كۆپرەك ھەرىكەت قىلغۇزۇش، بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرگە نىسبەتەن تاماقنى تەڭپۇڭ ھالەتتە بېرىشكە دىققەت قىلىپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. 2. خەۋەر ئېلىشنى كۈچەيتىپ، شەخسىي تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئالدى بىلەن ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى تازىلىققا دىققەت قىلىپ، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن كىندىكىنى ياخشى ئاسراپ، تېرە قاتارلىقلارنى قوغداپ، زەخىملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرگە نىسبەتەن تازىلىققا رىئايە قىلىش، سۆيۈش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. 3. ئادەم كۆپ بولغان ئاممىۋى سورۇنلارغا بېرىشتىن ساقلىنىش، شۈبھىلىنىدىغان ئىشلار يۈز بەرسە، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك. 4. تەكشۈرۈپ داۋالىنىشتا ئاكتىپ بولۇش كېرەك، توغرا دىئاگنوز قويغاندا ياكى مۇشۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىق توغرىسىدا قاتتىق گۇمانلانغاندا دەرھال ئانتىبىئوتىكلار ئارقىلىق داۋالىنىش شۇنداقلا بالدۇر، تولۇق ھالدا داۋالاش جەريانىغا ماسلىشىش ۋە كونكرېت داۋالىنىش ئۇسۇلىدا چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئېلىپ بېرىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
يىرىڭلىق مېڭە يۇلۇن پەردە ياللۇغى كېسىلىنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki