UyghurWiki
UyghurWikiنەمەچىپار بۇغا بىر يىلدا قانچە قېتىم «كىيىم» يەڭگۈشلەيدۇ؟

چىپار بۇغا بىر يىلدا قانچە قېتىم «كىيىم» يەڭگۈشلەيدۇ؟

نېمە ئۈچۈن چىپار بۇغا چاۋشيەننىڭ شىمالىغا، ياپونىيىگە ۋە تىنچ ئوكياننىڭ روسىيە تەرەپتىكى قىرغاقلىرىغا، شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ شەرقىي شىمالى، ئەنخۇينىڭ جەنۇبى، تەيۋەن، سىچۇەن، جياڭىشى، جېجىياڭ قاتارلىق جايلىرىغا تارقالغان. قەدىمكى زاماندا چىپار بۇغا بۇنىڭدىنمۇ كۆپ جايلارغا تارقالغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە بۇلارنىڭ سانى ناھايىتى ئاز قالدى. چىپار بۇغىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1.5 مېتىر كېلىدۇ. ئەركەك چىپار بۇغىنىڭ تۆت تال مۈڭگۈزى، قىسقا، توم قۇيرۇقى بولىدۇ. ئۇ ناھايىتى مۇلايىم بولۇپ، دائىم قۇلىقىنى دڭگايتىپ، نۇرلۇق كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ، ئەتراپنى كۆزىتىدۇ. يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قالغۇدەك بولسا، چاقماق تېزلىكىدە قېچىپ بىردەملا كۆزىدىن غايىب بولىدۇ. چىپار بۇغا بەدىنىدىكى مېيخۇا گۈلىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئالىتاغىل بەلگىسى بىلەن داڭق چىقارغان. چىپار بۇغا ئادەتتە يىلدا ئىككى قېتىم تۈك تاشلايدۇ. باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلغاندا، ئۇلار چىپار بەلگىسى روشەن بولغان «يازلىق كىيىم»نى كېيىپ، ئۆزىنى ئەتراپتىكى مۇھىتقا تېخىمۇ ماسلاشتۇرىدۇ. كۈز كېلىپ دەل - دەرەخلەر غازاڭ تاشلاشقا باشلىغاندا، ئۇلار سۇس ئاق رەڭلىك، چىپار بەلگىسى تۇتۇق بولغان«قىشلىق كىيىم» ىنى كىيىپ، رەڭلىرى مول بولمىغان قىش مەنزىرىسى بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ. چىپار بۇغىنىڭ بىر ئالاھىلىدىكى شۈكى، ئۇ تۇزنىڭ پۇرىقىنى پۇراپلا قالسا، خۇددى چىۋىن ھەسەلگە ئولاشقاندەك زادىلا چىدىيالماي قالىدۇ. شۇڭا، كىشىلەر چىپار بۇغىنى ئوۋلىماقچى بولغاندا، ئۇلار پائالىيەت قىلىدىغان جايلارغا ئازراق تۇز چېچىپ قويۇش ئارقىلىق قىلتاققا چۈشۈرىدۇ.لېكىن، چىپار بۇغا ھازىر دۆلەت تەرىپىدىن بىرىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان بولۇپ، ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۇنى ئوۋلىشىغا يول قۇيۇلمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
چىپار بۇغا بىر يىلدا قانچە قېتىم «كىيىم» يەڭگۈشلەيدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki