يادروغا سېرىقلىق چۈشۈش دېگەن نېمە؟
نېمە ئۈچۈن
يادروغا سېرىقلىق چۈشۈش يەنە بىلىرۇبىنلىق مېڭە كېسىلى دېيىلىپ، پاتالوگىيىلىك سېرىقلىق چۈشۈشنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ نېرۋا سىستېمىسىغا نىسبەتەن كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېغىر زىيىنىدۇر. يادروغا سېرىقلىق چۈشۈش ئاساسلىقى قاندىكى بىلىرۇبىنىنىڭ قويۇقلۇقى كۆرۈنەرلىك ئارتىپ، كۆز ئېقى، شىللىق پەردە، تېرىلا سېرىق رەڭدە بويىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، بىلىرۇبىن يەنە مېڭە قان توسىقى ئارقىلىق مېڭە توقۇلمىسىغا ئۆتۈپ ھەم نېرۋا ھۈجەيرىلىرى بىلەن بىرىكىپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ نېرۋا سىستېمىسى ئېغىر زىيانغا ئۇچراشتىن ئۇيقۇ خۇمارلىق، كۈچسىز ئېمىش، بىر جۈپ كۆزى تىكىلىپ قېلىش، مېڭە ئالدى لىپىلدىقى كۆتۈرۈلۈش، چىرقىراش، قىزىش، دۆلىنىش قاتارلىق ئىپادىلەر كۆرۈلىدۇ. بىلىرۇبىنلىق مېڭە كېسىلىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى، ئەگەر ۋاقتىدا داۋالىمىسا، گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ 1/3~ 1/2 ئۆلۈپ كېتىدۇ. شۇنداقلا بەختىگە ھايات قالغانلىرىدا ئاڭلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، كۆز گۆھىرىنىڭ ھەرىكىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەش قاتارلىق كېسەل ئاسارىتى قېلىپ، جەمئىيەت ۋە ئائىلىدە زور تەسىر پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا پاتولوگىيىلىك سېرىقلىق چۈشۈش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى ئاكتىپ ھالدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ، يادروغا سېرىقلىق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.