UyghurWiki
UyghurWikiنەمەھايۋانلارنىڭ قۇيرۇقىنىڭ قانداق رولى بار؟

ھايۋانلارنىڭ قۇيرۇقىنىڭ قانداق رولى بار؟

نېمە ئۈچۈن ھايۋانلارنىڭ قۇيرۇقىنىڭ شەكلى خىلمۇ خىل بولغىنىدەك، ئۇلارنىڭ قۇيرۇقىنىڭ رولىمۇ خىلمۇ خىل بولىدۇ. كېنگۇرۇنىڭ قۇيرۇقى يوغان ھەم ئۇزۇن بولۇپ، رولى ناھايىتى چوڭ. ئۇ سەكرەپ ئىلگىرىلىگەندە قۇيرۇقىنى شىپاڭشىتىش ئارقىلىق بەدەن تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىيالايدۇ. ئۇ دەم ئالغاندا قۇيرۇقى يەرگە تىرىلىپ ئىككى پۇتى بىلەن ئۈچ بۇلۇڭلۇق جازا ھاسىل قىلىپ، بەدڭىنىنى مەزمۇت تۇتۇپ تۇرىدۇ. جەنۇبىي ئافرىقا قىتئەسىدىكى ئىسسىق بەلۋاغ ئورمانلىقلىرىدا ياشايدىغان ئۆمۈچۈك مايمۇننىڭ ئۆزىدىنمۇ ئۇزۇن قۇيرۇقى بار، ئۇنىڭ رولى تۆت پۇتىنىڭكىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدۇ. شۇڭا كىشىلەر بۇ قۇيرۇقنى بەشىنچى <قول> دەپ ئاتىشىدۇ. ئۇ بىر نەرسە يېمەكچى بولسا، قۇيرۇقىنى دەرەخكە چىرماپ ئۆزىنى ئېسىلدۇرۇپ تۇرۇپ پۇت - قولىنى تەڭ ئىشقا سېلىپ بىر نەرسە يېيىشكە كىرىشىدۇ. ئارام ئالماقچى بولسا، قۇيرۇقى بىلەن ئۆزىنى ئېسىپ قويۇپ ئۇخلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇخلاپ قالسىمۇ، قۇيرۇقى ئاجراپ كەتمەيدۇ. ئۇ بۇ دەرەختىن ئۇ دەرەخكە سەكرەپ ئۆتمەكچى بولغاندا، قۇيرۇقى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش رولىنى ئويناپلا قالماستىن، باشمالتىقى يوق ئالدى قولىدىنمۇ ئەپچىللىك بىلەن دەرەخ شاخلىرىنى مەھكەم چىرمىۋالالايدۇ. چۈمۈلىخورنىڭ قۇيرۇقى بىر مېتىردىن ئوشۇق ئۇزۇن بولۇپ، خۇددى يوغان سۈپۈرگىگىلا ئوخشىشىدۇ. ناۋادا ئۇ كۈچلۈك دۈشمىنىگە ئۇچراپ قالسا، يوغان قۇيرۇقى بىلەن گەۋدىسىنى تىك قىلىدۇ - دە، تىرناقلىرى ئۆتكۈر ئالدى پەنجىلىرى بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە