UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن تاتلىق يېمەكلىكنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا بالىلارنىڭ ئىشتىھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ دەيمىز؟

نېمە ئۈچۈن تاتلىق يېمەكلىكنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا بالىلارنىڭ ئىشتىھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ دەيمىز؟

نېمە ئۈچۈن ئادەتتە، بالىلار تاتلىق يېمەكلىكنى يېگەندە تاتلىق تېتىشنىڭ سەۋەبى بۇ خىل يېمەكلىكنىڭ تەركىبىدە مەلۇم مىقداردا قومۇش شېكىرى بولىدۇ. قومۇش شېكىرى بىرخىل دىساخارىد بولۇپ، ئىككى مولېكۇلىلىق مونوساخارىدنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن. قومۇش شېكىرى ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىككى مولېكۇلىلىق مونوساخارىدقا يەنى گلۇكوزىغا پارچىلىنىدۇ. ئاندىن گلۇكوزا سۈمۈرۈلۈپ، قان سۇيۇقلۇقىغا بارىدۇ - دە، قان شېكىرىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى ئېشىپ، ئادەم بەدىنىدىكى ئوتتۇرا نېرۋىنى غىدىقلاپ، قورساق تويغاندەك تۇيغۇنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېگەندە، ئىشتىھاغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ ئەكسىچە كىشىلەر دائىم ئىستېمال قىلىدىغان ئاساسلىق يېمەكلىك مەسىلەن: گۈرۈچ، ئۇن قاتارلىقلارنىڭ ئاساسلىق تەركىبى كراخمال بولۇپ، كراخمالدا شېكەر بىر ئاز كۆپ، ئادەم بەدىنىدىكى ھەزىم قىلىش يوللىرى ئۇزۇن، ئاستا - ئاستا پارچىلانغان شېكەر ئارقىلىق گلۇكوزىنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ ئادەم بەدىنىگە سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن ناھايىتى تېزلىكتە قورسىقى تويمىغاندەك تەسىرنى پەيدا قىلىدۇ ۋە ئىشتىھاغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. شۇڭا، تاماقتىن بۇرۇن بولۇپمۇ تاماقتىن بۇرۇنقى يېرىم سائەت ئىچىدە ئەڭ ياخشىسى بالىلارغا تاتلىق يېمەكلىكلەرنى بەرمەسلىك كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى بالىلار ئارتۇق ئىستېمال قىلسا، سالامەتلىككە پايدىسىز بولۇپلا قالماستىن، ناھايىتى ئوڭايلا چىشى قۇرتلاپ چۈشۈپ كېتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن تاتلىق يېمەكلىكنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا بالىلارنىڭ ئىشتىھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ دەيمىز؟ | UyghurWiki | UyghurWiki