<پارىژ زەمبىرىكى> پارىژدا ياسالغانمۇ؟
نېمە ئۈچۈن
زەمبىرەكنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا، <پارىژ زەمبىرىكى> پەۋقۇلئاددە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇ ئېتىش مۇساپىسى ئەڭ يىراق زەمبىرەك بولۇپ، ئۇنىڭ نامىب تۈغرىسىدىمۇ مۇنداق بىر ھېكايە بار.
1918 - يىل 3 - ئاينىڭ بىر كۈنىدەم، فرانسىيىنىڭ پارىژ ئاسمىنىدا قاتتىق بىر شاۋقۇن پەيدا بولۇپ، ئارقىدىنلا كوچىدىن قۇلاقنى يارغۇدەك قاتتىق بىر پارتىلاش ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ، پارىژلىقلار گېرمانىيە ئايروپىلانلىرى بومبا تاشلاپ ھوجۇم قوزغىغان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلايدۇ.لېكىن ئاسماندا ئايروپىلاننىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەيدۇ. بۇ زادى نېمە ئىش؟ ئەسلىدە، بۇ گېرمانىيە ئارمىيىسى 120 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى گوللاندىيىدىن ئاتقان زەمبىرەك ئوقى بولۇپ، بۇ ئارىلىق كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن كۆپ ھالقىپ كەتكەنىدى.
گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ئىشلەتكىنى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر خىل پەۋقۇلئاددە زەمبىرەك بولۇپ، ئۇنىڭ ئىستوۋۇل ئوزۇنلۇقى 37 مېتىر، كالبىر دىئامېتىرى 210 مىللىمېتىر، ئومۇمىي ئېغىرلىقى 750 توننا كېلەتتى، بىر پاي زەمبىرەك ئوقىنىڭ ئېغىرلىقى 125 كىلوگىرام ئىدى. بۇنداق پەۋقۇلئاددە چوڭ زەمبىرەك ئۇرۇشتا تۇنجى قېتىم پارىژنى شىددەت بىلەن توپقا تۇتقانلىقتىن، كىشىلەر ئۇنى <پارىژ زەمبىرىكى> دەپ ئاتاشتى.
<پارىژ زەمبىرىكى> نىڭ ئېتىش مۇساپىسى گەرچە كىشىنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇرسىمۇ، بىراق ئۇنى ئىشلىتىش قۇلايسىز ئىدى. ئۇنى مەخسۇس پاراۋۇز توشۇمىسا بولمايتتى، زەمبىرەك ئىستوۋۇلى ئىنتايىن ئېغىر بولغاچقا، نۇرغۇن تىرەك قويۇشقا توغرا كېلەتتى. بۇنداق پەۋقۇلئاددە يوغان زەمبىرەكنىڭ بىر پاي ئوق ئېتىشىغا 200 كىلوگرام پوروخ كېتەتتى، زەمبىرەك گەۋدىسى بىر قانچە مىنوتقىچە توختىماي تەۋرىنەتتى، زەمبىرەك ئىستوۋۇلى نەچچە ئون پاي ئوق ئاتقاندىن كېيىن كاردىن چىقاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، نىشانغا تېگىش نىسبىتى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، ھەمىشە نىشاندىن نەچچە كىلومېتىرلاپ ئېغىپ كېتەتتى. شۇڭا، <پارىژ زەمبىرىكى> يېرىم يىل ئىشلىتە - ئىشلەيتمەيلا، تارىخ سەھنىسىدىن چېكىندى.