UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى تارتىشىشنىڭ قانداق ئىپادىلىرى بار؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى تارتىشىشنىڭ قانداق ئىپادىلىرى بار؟

نېمە ئۈچۈن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى تارتىشىش ئادەتتە <دۆلىنىش> دېيىلىدۇ. كۆپىنچە تارتىشىش تۇيۇقسىز قوزغىلىپ سەزگۈسىنى يوقىتىش، ئىككى كۆزى ئۈستىگە ئۆرۈلۈش ياكى تىكىلىپ قېلىش، ئالىغايلىق، ئاغزىدىن ئاق مازغاپ كېلىش، چىشى كىرىشىپ قېلىش ئىپادىلىرى بىلەن يەنە يۈز قىسمى ۋە پۇت - قولى تارتىشىپ قالىدۇ، يەنە شۇنداقلا نەپەس ۋاقىتلىق توختاشمۇ بىللە كېلىدۇ، بىر نەچچە مىنۇت ئۆتۈپ بېسىلغاندىن كېيىن ئېغىر ئۇيقۇ ھالىتىگە ئۆتىدۇ. ئاز ساندىكى تارتىشىش تۇتۇشتىن بۇرۇن ئالدىن بېشارەت يەنى ئىنتايىن بىئارام بولۇش، روھىي ھالىتى جىددىيلىشىش، نەپەسلىنىشى تۇيۇقسىز تېزلىشىش، ۋاقىتلىق توختاش ياكى تەرتىپسىزلىك، بەدەن تېمپېراتۇرىسى تۇيۇقسىز ئۆرلەش ياكى چىرايى تۇيۇقسىز ئۆگىرىش قاتارلىقلار بولىدۇ. ئەگەر داۋاملىشىش خاراكتېرلىك تارتىشىش بولسا ياكى تەكرار قوزغالسا، ئۇ ھالدا كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىقىدىن دېرەك بېرىپ، مېڭە سۇلۇق ئىششىقى، نەپەسلىنىش ئاجىزلىشىشتىن ئۆلۈپ كېتىدۇ. تارتىشىشنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ چوڭ مېڭە ھەم ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە بەلگىلىك تەسىرى بولۇپ، نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىك ئاسارىتى شەكىللىنىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئەگەر بوۋاقلاردا تارتىشىش بايقالسا ياكى تارتىشىشمۇ - ئەمەسمۇ ھۆكۈم قىلالمىسا، تېزدىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە