UyghurWiki
UyghurWikiنەمەتۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈشنى نېمە ئۈچۈن ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى ۋاقتىدىن باشلاش كېرەك دەيمىز؟

تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈشنى نېمە ئۈچۈن ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى ۋاقتىدىن باشلاش كېرەك دەيمىز؟

نېمە ئۈچۈن تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈشنى ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىن باشلاش شۇنداقلا تۇنجى تەكشۈرۈش تەپسىلىي، تولۇق بولۇشى كېرەك، بۇنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقى تۆۋەندىكى بەش نۇقتىدا ئىپادىلىنىدۇ: 1. دوختۇر ھامىلىدار ئايالنىڭ ھامىلىدار بولسا بولىدىغان - بولمايدىغانلىقىنى بىلىۋېلىشى. ئەگەر ئېغىر يۈرەك كېسىلى، جىگەر كېسىلى، بۆرەك كېسىلى، قان بېسىم كېسىلى، قەنت سىيىش كېسىلى، جىددىي خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەل، زەھەرلىك بۇيۇملارغا يولۇققان ۋە رادىئاتسىيىدىن پەيدا بولغان كېسەللىكلەر بولسا، ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىلا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئوپېراتسىيىسى قىلىپ، سالامەتلىككە بولغان زىيىنىنى ئازايتىش كېرەك. 2. نورمال ھامىلىدار بولۇش ۋە ھامىلىدار بولغان كۈن سانىنى بىلىۋېلىشقا پايدىلىق. بولۇپمۇ، ھەيز ۋاقتى تەرتىپسىز، ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ماتكىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ۋە B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈشنىڭ پەرەز تۇغۇت ۋاقتىنى ھېسابلاشقا نىسبەتەن مۇھىم پايدىلىنىش قىممىتى بار. 3. كۆپىيىش ئەزالىرىدا نورمالسىزلىق بار - يوقلۇقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ياللۇغلىنىش، ئۆسمە، ماتكا جىنسىي يولىدىكى غەيرىي نورماللىق قاتارلىقلار. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ھامىلىدار بولغاندا ھامىلىدارلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە، ماتكا ئېغىزى چوڭىيىپ، داس بوشلۇقىنى ئىگىلەپ كېتىپ، ئۆسمە ۋە غەيرىي نورماللىققا دىئاگنوز قويۇشتا قىيىنچىلىق تۇغۇلىدۇ. 4. ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى قان بېسىمى ۋە بەدەن ئېغىرلىقى، ھامىلىدار بولمىغان ۋاقىتتىكى سەۋىيىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇنىڭ ھامىلىدار ئايالنى ئاساس قىلغان ھالدا، بەزى ھامىلىدارلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويۇشتا بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتى بار. 5. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى سالامەتلىكنى ئاسراش كۆرسەتمىلىرىنى ئىمكانقەدەر بالدۇر قوبۇل قىلغاندا، ھامىلىدارلىقتىكى ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈشنى نېمە ئۈچۈن ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى ۋاقتىدىن باشلاش كېرەك دەيمىز؟ | UyghurWiki | UyghurWiki