UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىـيىتىنىڭ يېتىلىشىگە بولغان تەسىرى قانداق بولىدۇ؟

ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىـيىتىنىڭ يېتىلىشىگە بولغان تەسىرى قانداق بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بالىلار بىر ئاز ياخشى بولغان ئائىلە مۇھىتىدە ئانا ۋە باشقا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ كۆيۈنۈشى ۋە مېھرىبانلىقىغا ئېرىشىدۇ. بۇ بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىدە ناھايىتى چوڭ رول ئوينايدۇ. بىراق ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ئەڭ ئاساسلىق فۇنكسىيىلىك ئورۇنى بولۇپ، بالىلار باشتىن - ئاخىر جەمئىيەتكە قاراپ ماڭىدۇ. شۇڭا بالىنى ھەمىشە ئائىلىگە قاماپ قويۇشقا بولمايدۇ. يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، بالىلار ئاستا - ئاستا ئاتا - ئانىسىدىن ئايرىلىپ، خىلمۇخىل مۇھىت ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. تۈزىتىدۇ، تەپەككۇر قىلىدۇ، كىشىلىك ھاياتنىڭ سىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ. بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە، بولۇپمۇ مىجەز - خاراكتېرى، ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ يېتىلىشى، ھەتتا پۈتۈن ھاياتىغا مۇھىت تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئەقلىي قابىلىيەتنى ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېچىش، بۇنىڭدىن كېيىنكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىش، جەمئىيەتنى چۈشىنىش ئىقتىدارىنى تونۇتۇش ئۈچۈن، ياخشى بولغان ئىجتىمائىي مۇھىت بەرپا قىلىش بالىلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. بالىلارنىڭ دۇنيا قارىشى تېخى شەكىللەنمىگەن، يەنە مۇھىتنى ئۆزگەرتىش قابىلىيىتىگە ئىگە ئەمەس بولۇپ، روھىي ۋە ئەقلىي قابىلىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا، ياخشى بولغان مۇھىت، بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ناچار بولغان مۇھىت بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ. بەزىلەر ئوزۇقلۇقى ئوخشاش بولغان بالىلارنى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلگەن. بىر گۇرۇپپىدىكى بالىلارغا ياخشى مۇھىت ھازىرلاپ بەرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتى، مۇھىتى ناچار بولغان بالىلارنىڭكىدىن روشەن ھالدا يۇقىرى بولغان. بەزى كىشىلەرنىڭ تەتقىقاتىدا ئىسپاتلىنىشىچە، تۇرمۇشى نامراتچىلىق ئىچىدە ئۆتكەن بالىلار ناچار مۇھىتنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، ئىش قىلغاندا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەيدىكەن. ئۆز - ئۆزىنى قوغداش قابىلىيىتى كەمچىل ئىكەن. دائىم ھادىسە پەيدا قىلىپ تۇرىدىكەن. ئۆگىنىش قابىلىيىتى تۆۋەن بولىدىكەن. ئۇلارنىڭ كىتاب ۋە ھېكايىغا بولغان قىزىقىشى ئاساسەن يوق بولۇپ، تىل جەھەتتىكى يېتىلىشى ئارقىدا بولىدىكەن. بىلىدىغان سۆزلىرى تەڭ ياشتىكىلىرىگە قارىغاندا ئاز بولىدىكەن. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ياخشى بولغان ئىجتىمائىي مۇھىت بالىنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە