پىلانلىق ئىممۇنېتىت دېگەن نېمە؟
نېمە ئۈچۈن
پىلانلىق ئىممۇنېتىت دېگىنىمىز، جۇڭگو ۋە جۇڭگو يەرلىك سەھىيە بۆلۈملىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئوخشاشمىغان ئاي (يىل) ياشتىكى بالىلارغا قارىتا، سۈنئىي ئۇسۇلدا ھەمدە بەلگىلەنگەن تەرتىپكە بىنائەن پىلانلىق ھالدا، يەرلىك ئورۇندىكى ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەش نۇقتىلىرىدا ۋاكسىنا ئەملەپ، بوۋاقنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللەرگە بولغان ئىممۇنېتىت كۈچىنى ئاشۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. پىلانلىق ئىممۇنېتىتنى يۈرگۈزۈش — ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ھەرخىل ۋاكسىنلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا، بوۋاقلارنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللەرگە نىسبەتەن ئىممۇنېتىت كۈچىنى ھەر تەرەپتىن ئاشۇرۇپ، يۇقۇملۇق كېسەللەرنى ئەڭ كىچىك دائىرىدە كونترول قىلىپ، كەڭ بوۋاقلارنىڭ تەن سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا پايدىلىق.