يەتتە ئايلىق بوۋاقنىڭ بېقىلىشىدا قانداق ئالاھىدىلىكلەر بار؟
نېمە ئۈچۈن
مەيلى ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان ياكى سۈنئىي بېقىلغان بوۋاق بولسۇن يەتتە ئايلىق بولغاندا كۈندە ئېمىدىغان سۈت مىقدارىنى ئۆزگەرتمەي، ئۈچ - تۆت قېتىمغا بۆلۈپ ئېمىتىش. بوۋاق يەتتە ئايلىق بولغاندا ئانا سۈتى ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ، شۇڭا تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قوشۇمچە يېمەكلىك قوشۇپ بېرىش كېرەك. قوشۇپ بەرگەن قوشۇمچە يېمەكلىكنىڭ تۈرى كۆپ خىل بولۇش، ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يەنە قوشۇمچە يېمەكلىكلەرگە ئاز مىقداردا ئاش تۇزى قوشۇپ بەرسىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يېمەكلىككە تېخىمۇ تەم كىرىدۇ. چوقۇم بوۋاقتا تاماق تاللايدىغان ئادەت شەكىللىنىپ قالماسلىققا دىققەت قىلىش. بۇ مەزگىلدە بوۋاقنىڭ چىشى چىقىشقا باشلايدىغان بولۇپ، يېمەكلىكنى چايناش ئىقتىدارى بارا - بارا ئاشىدۇ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىمۇ بارا - بارا كۈچىيىدۇ. شۇڭا شوۋىگۈرۈچكە ئازراق ئۇششاق توغرالغان كۆكتات يوپۇرمىقى، گۆش قىيمىسى قاتارلىقلارنى سېلىپ بەرسە بولىدۇ. لېكىن بوۋاقلارغا توغرالغان كۆكتات يوپۇرمىقى ۋە گۆش قىيمىسى بەرگەندە ئازراقتىن بارا - بارا كۆپەيتىشكە دىققەت قىلىش، چىشى چىققان مەزگىللەردە بوۋاققا يەنىلا پېچىنە، موما پارچىسى قاتارلىقلارنى بېرىپ چايناشنى مەشىق قىلدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.