بوۋاقنىڭ دۈمبە، كاسىسىنى قانداق ئۇۋۇلاپ بېرىشكېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
بوۋاقنىڭ دۈمبە، كاسىسىنى ئۇۋۇلاش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
1. بوۋاقنى كارىۋاتتا دۈم ياتقۇزۇپ، ئانا ئىككى قولىنىڭ بېگىز بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىنى جۈپلەپ، بارمىقىنىڭ ئىچكى قىسمى بىلەن ئومۇرتقىنىڭ ئىككى تەرىپىنى بويلاپ بويۇندىن باشلاپ تۆۋەنگە قاراپ توققۇز كۆزگىچە يەڭگىل ئۇۋۇلاش، ئاندىن يەنە يۇقىرىدىن تۆۋەنگە توختىماي داۋاملاشتۇرۇش.
2. ئانا ئىككى قولىنىڭ بارماقلىرىنى سىرتقا ئېگىپ، ئالىقان بىلەن ئومۇرتقىنىڭ ئىككى تەرىپىدىن سىرتقا قاراپ ئىككى تەرەپ قوۋرغا سۆڭىكىگىچە تەكشى، ئاستا بېسىپ سىيلاپ بېرىش، ھەر ئۈچ - تۆت قېتىمدا تۆۋەنگە بىر ئالىقان كەڭلىكىدە سۈرۈپ مېڭىش، پۈتۈن دۈمبە قىسمى سىيلىنىپ بولغىچە شۇنداق داۋاملاشتۇرۇش.
3. ئانا ئالىقان بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا بوۋاقنىڭ ئوڭ، سول كاسىسىنى ئىچىدىن سىرتىغا قاراپ ئايلاندۇرۇپ سىيلاپ بېرىش لازىم.