UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن ئاز ئۇچرايدىغان ئۆسۈملۈكلەر كۆپىنچە تاغلاردا ئۆسىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئاز ئۇچرايدىغان ئۆسۈملۈكلەر كۆپىنچە تاغلاردا ئۆسىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن تەبىئەت دۇنياسىدا ئاز ئۇچرايدىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۆپىنچىسى تاغلارنىڭ ئىچكىرىسىدە ئۆسىدۇ. شەھەر، يېزىلاردا ياكى بۇتخانىلاردا بىز ئۇچىرىتىدىغان بەزى ئاز ئۇچرايدىغان ئۆسۈملۈكلەر، مەسىلەن، گىنكو (كۈمۈشئۆرۈك)، مىتاساكوۋىيە قاتارلىقلارنىمۇ كىشىلەر يۆتكەپ تېرىغان ياكى كۆچۈرۈپ ئۆستۈرگەن. ئۇ جايلاردا بۇنداق ئاز ئۇچرايدىغان ئۆسۈملۈكلەرنى پۈتۈنلەي يوق دېيىشكە بولىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ بىرىنچىدىن، گېئولوگىيىلىك ئۆزگىرىش جەھەتتىن قارىغاندا، بۇنىڭدىن تەخمىنەن 30 نەچچە مىليون يىللار ئىلگىرى يەر شارىدا كۆپ قېتىم مۇزلۇقلار ھەرىكىتى يۈز بېرىپ، شىمالىي قۇتۇپتىن جەنۇبقا سۈرۈلگەن مۇزلۇقلار نۇرغۇن ئۆسۈملۈكلەرنى بېسىۋېلىش بىلەن، تۈزلەڭلىكلەردىكى ئۆسۈملۈكلەر يوقىلىش خاراكتېرلىك زەربىگە ئۇچرىغان. تاغلىق رايونلاردا، ئېگىز تاغلارنىڭ مۇزلۇقلارنىڭ جەنۇبقا سىلجىشىنى توسۇپ قېلىشى تۈپەيلىدىن، نۇرغۇن ئىچىكىرى تاغلاردىكى ئۆسۈملۈكلەر بەختكە يارىشا ساقلىنىپ قالغان،؛ بۇ ئۆسۈملۈكلەر ئۇلارنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىغا ئاساس سالغان. ئىككىنچىدىن، تاغلىق رايونلارنىڭ كىلىماتى كۆپ خىل بولىدۇ. شىمالنىڭ سوغۇق ھاۋاسى ئېگىز تاغلارنىڭ توسۇۋېلىشى تۈپەيلىدىن، تاغ تىزمىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ كېتەلمەي خۇسۇسىيىتىنى ئۆزگەرتىدۇ، نەتىجىدە جىلغا - جىرالارنىڭ تېمپېراتۇرىسى تاغنىڭ سىرتىنىڭ تېمپېراتۇرىسىدىن يۇقىرىراق بولىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ، تاغلىق رايونلاردا، ئېگىزلىكى 1000 مېتىر ئۆپچۆرىسىدە كېلىدىغان بىر تاغنىڭ تاغ ئۈستى بىلەن تاغ ئاستىنىڭ ۋېرتىكال تېمپېراتۇرا پەرقى بەش - ئالتە سېلسىيە گرادۇسقا يېتىدۇ. ئوخشاش بولمىغان يان باغىرلار ئارىسىدىكى تاغ باغرىلىرىنىڭ بىرلىك يۈزى قوبۇل قىلىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارىمۇ ئوخشاشمايدۇ، يەر شەكلى مۇرەككەپ، تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشى چوڭ، يامغۇر مىقدارى تەكشىسىز بولغان جايلاردا، تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشى ۋە كۆپىيىشىمۇ ئالاھىدە تېز بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئىچكىرى تاغلاردا قاتناش قۇلايسىز بولغاچقا، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۈشەندىسى بولغان ئىنسانلارنىڭ پائالىيىتى ئازراق بولىدۇ، شۇڭا، بۇ جايلاردا ئىنسانلارنىڭ ئۆسۈملۈكلەرنى قالايمىقان كېسىش ئەھۋالى ئاز ئۇچرايدۇ، بۇمۇ نۇرغۇن ئاز ئۇچرايدىغان ئۆسۈملۈكلەرنى ساقلىنىپ قېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. يۇقىرىقىدەك تۈرلۈك ئامىللار، بولۇپمۇ ھاۋارايى، جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىك، ئادەملەرنىڭ بىر نىيەتتە بولۇشى قاتارلىقلار تاغلارنىڭ ئىچكىرىسىدىكى ئاز ئۇچرايدىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئالاھىدە كۆپ بولۇشىنى بەلگىلىگەن.
← بارلىق تېمىلار نەمە