بۆرىلەر ئۆزىنىڭ تۈرىدىكىلەر بىلەن سوقۇشامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بۆرىلەر توپى خۇددى ئىنسانلارنىڭ ئائىلىسىگە ئوخشىشىدۇ، ئۇلار بىر - بىرى بىلەن ناھايىتى ئىناق ئۆتىدۇ.
لېكىن، باشقا - باشقا جەمەتتىن بولغان ئىككى بۆرە ئۇچرىشىپ قالسا قاتتىق ئېلىشىدۇ. دەسلەپتە، ئۇلار بىر - بىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلمىگەچكە، بىر - بىرىگە ھەيۋە قىلىدۇ. ئەگەر ئىككىلا بۆرە بىر - بىرىگە بوي بەرمىسە، ئاخىر قاتتىق ئېلىشىش ئارقىلىق كىمنىڭ كۈچلۈك، كىمنىڭ ئاجىر ئىكەنلىكىنى ئايرىپ چىقىدۇ.
قاتتىق ئېلىشىش باشلانغاند، ئىككى تەرەپ چىشلىرىنى ھىڭگايتىپ خىرىس قىلغىنىچە ئەڭ ياخشى ھۇجۇم قىلىش پۇرسىتىنى كۈتۈپ ئۇيان - بۇيان ئايلىنىدۇ. بىر نەچچە رەت ئېلىشىشتىن كېيىن، ئاجىز كېلىپ قالغىنى تېخىمۇ چوڭ زىيان ترتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، خىرىس قىلىشتىن توختاپ، يېلىنىپ غىڭشىشقا ئۆتىدۇ - دە، قارشىلىشىشتىن توختىغانلىقىنى ۋە يالۋۇرۇپ تەسلىم بولغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، يەردە ئوڭدىسىغا يېتىپ رەقىبىگە ئاسان زەربىگە ئۇچرايدىغان يېرىنى تۇتۇپ بېرىدۇ، بۇ چاغدا، ھۇجۇم قىلغۇچىمۇ دەرھال توختاپ، تەسلىم بولغۇچىنىڭ ئالدىدا بېشىنى ئېگىز كۆتۈرگىنىچە غادىيىپ تۇرىدۇ، لېكىن رەقىبىنى ھەرگىز ئۆلتۈرۈپ قويمايدۇ.
ئاخىر، غەلىبە قىلغۇچى بۇ جەڭدە ئۆزىنىڭ غەلىبە قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن يەرگە تازا بىر سىيىۋېتىدۇ، مەغلۇپ بولغان بۆرە قۇيرۇقىنى قىسقان پېتى كېتىپ قالىدۇ.