بالا ئېمىتىشنىڭ بۇنىڭدىن باشقا يەنە قانداق ئار تۇقچىلىقى بار؟
نېمە ئۈچۈن
ئانا سۈتى ئارقىلىق بالا بېقىش يالغۇز بالىغىلا پايدىلىق بولۇپ قالماستىن، ئۇ يەنە ئانىغىمۇ ناھايىتى پايدىلىق. ئانا سۈتى بىلەن بالا باققاندا، ئانىنىڭ ھەيز توختىغاندىن كېيىنكى سۆڭەك بوشاش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى پەسەيتىدۇ. مۇۋاپىق، بىخەتەر ھەم ئۈنۈملۈك بولغان ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش رولىنى ئويناپ، ئانا - بالا ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىش بالىلارغا ئوزۇقلۇق يەتكۈزۈشتىكى بىرخىل ئۇسۇل بولۇپلا قالماستىن، ئانا ۋە بالا ئوتتۇرىسىدىكى ھامىلىدارلىقتىن باشلانغان ئالاقىنى ئۇزارتىدۇ. خۇددى تەننىڭ بىر قىسمىغا ئوخشاش بولۇپ، بالا داۋاملىق ئانىنىڭ مېھرى - مۇھەببىتىگە ئېرىشىش، راھەت ۋە بىخەتەر ھالدا ئېمىدۇ، بۇ ئانا - بالا ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە يېڭى باسقۇچقا كىرىدۇ.