UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن يۆتىلىپ قالسىلا يۆتەل دورىسى ئىچمەسلىك كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن يۆتىلىپ قالسىلا يۆتەل دورىسى ئىچمەسلىك كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن بىر مۇنچە ئائىلە باشلىقلىرى بالىسى يۆتىلىپ قالسىلا ئۇنىڭغا يۆتەل دورىسى بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر خىلى كار قىلمىسا، يەنە بىر خىلىنى ھەتتا ئىككى - ئۈچ خىل دورىنى ئارىلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. نەتىجىدە يۆتەل ساقايمايلا قالماستىن، ئەكسىچە ۋاقىت ئۇزىراپ كېتىپ، كېسەل ئېغىرلىشىدۇ. يۆتىلىش ئادەمنىڭ نەپەس يولى سىرتقى تەسىرگە ئۇچرىغاندىن كېيىنكى بىر خىل قوغدىنىش خاراكتېرلىك تەدبىر. مەسىلەن، تاماق يېگەندە ئېھتىياتسىزلىقتىن گۈرۈچ كانايغا كېتىپ قالىدۇ - دە، يۆتەل پەيد بولۇپ، گۈرۈچنى چىقىرىۋېتىدۇ. نەپەس يولى ۋە ئۆپكە ياللۇغلانغاندا، ئادەم بەدىنى يۆتىلىش ئارقىلىق كاناي ۋە ئۆپكىدىكى كېسەل مىكروبلىرىنى، ياللۇغ شەكىللەندۈرگەن بەلغەملەرنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىدۇ. بۇنداق بەلغەم ئارىلاش قوزغانلغان يۆتەل ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق. ھالبۇكى، بەزى بەلغەمسى قۇرۇق يۆتەل بالىلارنىڭ دەم ئېلىشى ۋە ئۇخلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئۇزاق داۋاملاشسا، ھەتتا ئۆپكە ئىششىقى، كاناي كېڭىيىپ كېتىش، قان تۈكۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، ئائىلە باشلىقلىرى بالىلارغا دورا بەرگەندە چوقۇم بالىنىڭ قايسى خىلدىكى يۆتەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنى پەرق ئېتىشى كېرەك. ئادەتتىكى يۆتەل بولسا، بەلغەمنى يوقىتىشنى ئاساس قىلىش، نوقۇل يۆتەل دورىسىنى ئىشلەتمەسلىك لازىم؛ بەلغەم كۆپ ھەم يېپىشقاق كېلىدىغان يۆتەللەردە، يۆتەل توختىتىپ بەلغەم بوشىتىدىغان دورىلارنى يەپ، بەلغەمنى بوشىتىپ چىقىرىۋەتكەندە، يۆتەلمۇ ئۆزلۈكىدىن ياخشىلىنىپ كېتىدۇ. قۇرۇق يۆتىلىدىغان بىمارلار كودېيىن (كېدەييىن) سۇيۇقلۇقى، توكلاس (كېبىچىڭ) قاتارلىق يۆتەل توختىتىش دورىلىرىنى ئىچسە، قۇرۇق يۆتەلنى تېزدىن ياخشىلاپ، كېسەلنىڭ ئازابىنى يەڭگىللىتىپ، قۇرۇق يۆتەل كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە