نېمە ئۈچۈن ماگنىتلىق سۇسپېنزىيىلىك پويىز تېز ماڭىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ماگنىتلىق سۇسپېنزىيىلىك پويىزنى ئادەتتىكى پويىزغا سېلىشتۇرغاندا، <ئۇچقۇر> پويىز دېيىشكە بولىدۇ. نۆۋەتتە سائەتلىك سۈرئىتى 400 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان ماگنىتلىق سۇسپېنزىيلىك پويىز تەرەققىي تاپقان بەزى دۆلەتلەردە ئىشلىتىلمەكتە. ياپونىيە سىناق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان سۇپېر ئۆتكۈزگۈچلۈك ماگنىتلىق سۇسپېنزىيلىك پويىز سائىتىگە 31 كىلومېتىر مېڭىشتەك يېڭى رېكورتنى ياراتتى.
بىزگە مەلۇم، ھەر قانداق بىر ماگىنىتنىڭ Sقۇتۇپ ۋە N قۇتۇپ دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى قارىمۇ قارشى قۇتۇپى بولىدۇ. ئىككى ماگنىتنى بىر يەرگە قويغاندا، ئوخشاش قۇتۇپلىرى ئۆز ئارا تېپىشىدۇ. قارىمۇ قارشى قۇتۇپلىرى ئۆز ئارا تارتىشىدۇ. توك ئۆتكۈزىدىغان كاتۇشكا ئېلېكترو ماگنتلىق تۆمۈر دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ماگنىتلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە. پويىز ماڭغاندا، پويىز گەۋدىسىگە ئورنىتىلغان ماگنىتنىڭ ماگنىت كۈچ سىزىقلىرى يەر يۈزىدىكى كاتۇشكىنى كېسىپ ئۆتكەچكە كاتۇشكىدا ئىندۇكسىيىلىك توك ئېقىمى ھاسىل بولىدۇ. بۇ توك ئېقىمى پەيدا قىلغان ماگىنىت مەيدانىنىڭ قۇتۇپى، پويىز گەۋدىسىدىكى ماگنىتنىڭ قۇتۇپى بىلەن ئوخشاش بولغانلىقتىن، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ئۆز ئارا تېپىشىش كۈچى ھاسىل بولۇپ، پويىز رېلىس ئۈستىدە لەيلەيدۇ. پويىز چاقى بىلەن رېلىس تېگىشمىگەچكە، سۈركىلىش كۈچى ھاسىل بولمايدۇ، پويىز مېڭىش داۋامىدا پەقەتلا ھاۋانىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ. پويىز توختىغاندا، ئىندۇكسىيىلىك توك ئېقىمى بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن لەيلەش كۈچىمۇ يوقىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن پويىز يەر يۈزىگە سىلىق چۈشۈپ توختايدۇ.
ماگىنىتلىق سۇپېنزىيلىك پويىز رېلىستا لەيلەپ ئۇچقاندەك ماڭىدۇ. مانا بۇ سۇپېر يېڭى تېخنىكىسىغا مەنسۇپ بولغان قاتناش قورالى ھېسابلىنىدۇ. سوپېر ئۆتكۈزگۈچ سۇپېر ئۆتكۈزۈش ھالىتىدە تۇرغاندا، تولۇق بولغان توك ئۆتكۈزۈشچانلىق ھەم ماگنىتقا قارشى تۇرۇشچانلىققا ئىگە بولۇپ، ماگىنىتلىق سۇسپېنزىيىلىك پويىزنىڭ ئىقتىدارىنى ئەڭ ياخشى جارى قىلدۇرىدۇ. ماگنىتلىق سۇسپېنزىيلىك پويىز توپلاشقان كومپيۇتېر، مىكرو ئېلېكترونلۇق ئىندۇكسىيە، ئاپتوماتىك كونتروللىغۇچ قاتارلىق يۇقىرى يېڭى تېخنىكىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، ماڭغاندا ئورنىدىن قوزغىلىش، لەيلەش، سۈرئەتنى تېزلىتىش، بۇۇرلۇش، سۈرئەتنى ئاستىلىتىش، توختاش، چۈشۈش قاتارلىق ھالقىلار ئاپتوماتىك كونترول قىلىنىدۇ.